خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇش پەرز
پەتىۋا
بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇش
پەرز، ئۇنى يېرىم كېچىندىن كېيىنگە قالدۇرۇپ قويۇش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى يېرىم
كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ.» (مۇسلىم 612؛ نەسائىي 522؛ ئەبۇ داۋۇد 396)
شۇ
ۋەجىدىن، خۇپتەن نامىزىڭىزنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇشىڭىز كېرەك. كېچە
(پەسىلگە قاراپ) ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يېرىم كېچە كېچىنىڭ ئۇزۇن
قىسقىلىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. (كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولغان مۇددەت
كېچە ھېسابلىنىدۇ.) يېرىم كېچىنى بىلىشتە، كېچىنىڭ قانچە سائەت
داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. (مەسىلەن،) ئەگەر كېچە ئون سائەت داۋاملاشسا،
خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ بەشىنچى سائىتى چىقىپ كەتكۈچە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس بولمايدۇ.
ئەگەر كېچە ئون بىر سائەت داۋاملاشسا، خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ بەش يېرىمنىچى
سائىتى چىقىپ كەتكۈچە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس بولمايدۇ. خۇپتەن نامىزى ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل
ۋاقتى ئۇنى كېچىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرىدە ئوقۇشتۇر. كىشى خۇپتەن نامىزىنى خۇپتەن
ۋاقتى كىرگەندە ئوقۇسا بۇ ياخشى. بىراق، خۇپتەننى بىر ھازا كېچىكتۈرۈشى ئەۋزەل
ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇپتەننى بىر ھازا
كېچۈكتۈرۈپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى.» (بۇخارى 547؛ مۇسلىم 647؛ نەسائىي 530؛ ئەبۇ
داۋۇد 398؛ دارىمى 1300) براۋ خۇپتەن نامىزىنى كەچكى شەپەق يوقۇشىغىلا (يەنى
خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىشىگىلا) ئوقۇسا، بۇنىڭدا ھېچبىر چەكلىمە يوق. (ئىبنى باز
پەتىۋالىرى توپلىمى 10\387)
ئېسىل پەتىۋالار ئىكەن. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
YanıtlaSil