دەم سېلىش ۋە تۇمار ئېسىشنىڭ ھۆكمى
دەم سېلىش ۋە
تۇمار ئېسىشنىڭ ھۆكمى
[ئەللامە،
دوكتور سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ «تەۋھىد كىتابى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى]
[«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى]
دەم سېلىش: كىسەللىكلەردىن
شىپا تېپىش ئۈمىدى بىلەن دۇئالارنى ئوقۇپ سۈپلەش ياكى سۇغا ئوقۇپ ئىچكۈزۈش دېمەكتۇر.
دەم سېلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
دەم سېلىشنىڭ
بىرىنجى تۈرى: كېسەل كىشىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالارنى
ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرنى ئوقۇش ئارقىلىق دەم سېلىش بولۇپ، بۇ جائىزدۇر (يەنى
قىلسا بولىدۇ). چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ قۇرئان ئايەتلىرنى ئوقۇپ دەم سالغانلىقى
ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بۇ ئىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى
ئىسپاتلايدۇ. ئەۋف ئىبنى مالىك مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت دۋرىدە دەم سالاتتۇق، پەيغەمبەر
سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن <يا رەسۇلۇللاھ! بۇنىڭغا قانداق قارايلا؟> دەپ
سورىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ: ئاۋال قانداق دەم سالدىغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار،
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن خالىي ھالدىكى دەم سېلىش جائىزدۇر، دېدى.» [مۇسلىم راۋايىتى]
ئىمام سۇيۇتى
مۇنداق دېگەن:«ئىسلام ئالىملىرى ئۈچ شەرت بىلەن دەم سېلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە
بىرلىككە كەلگەن: دەم سېلىش قۇرئان ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى
ئوقۇش بىلەن بولۇشى، ئەرەب تىلىدا ئوقۇلۇشى مەنىسى چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى، دەم سېلىشنىڭ
ئۆزى شىپا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەن تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد
قىلىشتۇر.»[فەتھۇلمەجىد، 135- بەت].
دەم سېلىشنىڭ
ئۇسۇلى: قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى ئوقۇپ كىسەلگە سۈپلەش
ياكى سۇغا ئوقۇپ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق بولىدۇ.
دەم سېلىشنىڭ
ئىككىنچى تۈرى: ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ، جىن شەيتانلارنىڭ، مازار- ماشايىخلارنىڭ ۋە
پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرنى ئاتاش ۋە ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىش ئارقىلىق دەم سېلىش بولۇپ،
بۇنداق دەم سېلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ شەرىئەت ھۆكۈمى
بىلەن ھارامدۇر. پەيغەمبە ئەلەيھىسالام بۇنداق قىلىشتىن مەنئىي قىلغان. شۇنداقلا،
مەنىسى چۈشۈنۈكسىز ئىبارىلەرنى ئوقۇش بىلەن دەم سېلىشمۇ جائىز ئەمەس.
2- تۇمار
ئېسىش: تۇمار كىچىك بالىلارنىڭ يامان كۆزلەردىن ۋە ھەسەتتىن ساقلىنىشى ئۈمىد
قىلىنىپ ئۇلارنىڭ بويۇنلىرغا ئېسىپ قويۇلدىغان نەرسە دېمەكتۇر. تۇمارنى گاھىدا چوڭلارمۇ
ئاسىدۇ. تۇمار ئېسىش تۆۈەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
بىرىنچى: قۇرئان
ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرى يېزىلغان تۇمار بۇلۇپ، بۇ خىلدىكى تۇمارنىڭ
دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز
قاراشتا بولغان:
1- جائىز دېگۈچىلەر: بۇلار ئۆز قاراشلىرنى كۈچكە
ئىگە قىلىشتا مەشھۇر ساھابىلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بىلەن ئائىشە رەزىيەللائۇ ئەنھانىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ پەتىۋالىرنى
نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇلار تۇمار ئىسېشنى چەكلىگەن ھەدىسنى، ئەگەر تۇماردا شېرىك سۆزلەر
بولمىسا دۇرۇس دېگەنلىك بولىدۇ دەپ ئىزاھات بەرگەن.
2- تۇمار ئېسىشنى مەنئىي قىلغۇچىلار: بۇلار ئۆز
كۆز قاراشلىرنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ھۇزەيفە
قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دېگەن:«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ دەم سېلىش، تۇمار ئېسىش ۋە ئەر خوتۇنلارنى
بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە يېزىلدىغان تىلسىماتلارنىڭ بەزىسى
شېرىكتۇر دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.»[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
بۇ
قاراشتىكىلەر تۇمار ئېسىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ سەۋەپ بىلەن كۈچلەندۈردۇ:
بىرىنچى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسالام دەم سېلىش، تۇمار ئېسىش ۋە تىلسىم يېزىشنىڭ بەزىسىنى شېرى ھېسابلىغان.
شېرىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق شۈبىھلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى: پاساتچىلىقنىڭ
ئالدىنى ئېلىش ۋە خۇراپاتلىقلارغا قارشى تۇرۇش مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇنداق ئىشلار ئادەتتە
ھارام ئىشلارغا يول ئاچىدۇ.
ئۈچۈنچى: قۇرئان
ئايەتلىرى بىلەن يېزىلغان تۇمارلارنى ئاسقانلارمۇ گاھىدا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى
ساقلىيالماي گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى تۇمار ئاسقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەتتە ھاجەتخانىغا
ئۇنىڭ بىلەن كىرىدۇ.[ فەتھۇل مەجىد 136-بەت].
ئىككىنچى: جىن-شەيتانلارنىڭ،
ئەۋلىيا ۋە ماشايىخلارنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ
ئىسىملىرى يېزىلغان تۇمارلار بولۇپ، بۇ تۈردىكى تۇمارلارنى يازغانلار ۋە بىلىپ تۇرۇپ
ئۇنى ئاسقانلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى
ئۈمىدىنى ئاللاھتىن باشقىسىغا باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى شۇ نەرسىگە تاشلاپ قويىدۇ.»
[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
يۇقارقى ھەدىسنىڭ
مەنىسى شۇكى، ئاللاھقا تەۈەككۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ۋە ئۇنىڭدىنلا ياردەم
سورىغانلار ئۈچۈن ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. كىمكى ئاللاھنى قويۇپ مەخلۇقتىن ياردەم
سورايدىكەن ياكى ئاللاھنىڭ نامىنى ۋە ئايەتلىرىنى قويۇپ مەخلۇقاتنىڭ ناملىرنى يېزىپ
بوينىغا ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنداق كىشىگە ياردەم قىلمايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە شېرىك
كەلتۈرگەن نەرسىسى بىلەن تاشلاپ قويىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئېسىۋالغان نەرسىلەر ئۇنۇڭغا
پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەركىمنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغۇچى
بىرلا مەدەتكاردۇر. ئۇنۇڭدىن باشقىسىغا ئىشەنچ قىلغان ۋە ئېسىلغان ئادەم زىيان
تارتقۇچىدۇر.
مۇسۇلمان كىشى ئەقىدىسىنى بۇزىدىغان
ياكى زەھەرلەيدىغان ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەر قانداق نەرسىدىن ساقلىنىشى، جائىز
بولمىغان ئىلاجلارنى قوبۇل قىلماسلىقى، دەردلەردىن خالاس بولۇش مەقسىتىدە تۈرلۈك سەپسەتىۋاز
ۋە ئالدامچى كىشلەرنىڭ ھۇزۇرىغا بارماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەنىۋىيتىنى
كېسەل قىلغۇچى كىشلەردۇر. كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ
بارلىق ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۆزىدە ھېسسىي كېسەللىك بولسىمۇ، كۆز
تېگىش ۋە ھەسەتتىن قورقۇپ تۇمار ئاسىدۇ ياكى ماشىنا، ئات-ئۇلاغ، ئۆي- دۇكانلىرىنىڭ
ئىشىكلىرگە تۇمار ياكى كۆز مۇنچاق ئېسىپ قويىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدىنىڭ سۇسلىقى
ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ زەئىپلىكىدۇر. ئەقىدە سۇسلىقى ھەقىقىي كېسەللىك
بولۇپ، ئۇنى پەقەت تەۋھىد ۋە ساغلام ئەقىدىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.[سالىھ
فەۋزان، تەۋھىد كىتابى 95- بەت]
Yorumlar
Yorum Gönder