ئىمام ئىبنى قەييىم: رەفىيەد قىلماي ناماز ئوقۇغان ھەدىس يالغان


ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «زەئىپ ۋە يالغان ھەدىسلەرنى تونۇش يوللىرى» ناملىق كىتابىدىن
310. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن مۇنۇ ھەدىسمۇ شۇ يالغان ھەدىسنىڭ جۈملىسىدىن:
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن سىلەرگە پەقەتلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرىمەن، دېدى. ئاندىن ناماز قىلدى. ناماز باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىرلەردە قوللىرىنى كۆتۈرمىدى.
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ:
ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن:
سالىم دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەردىن رىۋايەت قىلغان قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىس (بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى يەتتە ئىمام رىۋايەت قىلغان ‹يەنى سىھاھى سىتتە مۇھەددىسلىرى ۋە ئىمام ئەھمەد›) سەھىھ. ئىبنى مەسئۇدتىن كەلگەن (يۇقارقى ھەدىس) سەھىھ ئەمەس. 


311. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدۇم. ئۇلار ناماز باشلاش تەكبىرى (نىڭ سىرتىدىكى تەكبىرلەردە) قوللىرىنى كۆتۈرمىگەن.
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىس مۇنقەتئى، سەھىھ ئەمەس.

(ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «زەئىپ ۋە يالغان ھەدىسلەرنى تونۇش يوللىرى» ناملىق كىتابىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى