ئەۋرەتنىڭ چەك چېگرىسى
ئەۋرەتنىڭ چەك چېگرىسى
«فۇرقان دەئۋەەت مەركىزى» تەييارلىدى
قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: نامازدا ئەر كىشىنىڭ بەدىنىدىن يېپىلىشى كېرەك
بولغان ئەڭ تۆۋەن چەك ئىككى تىزى بىلەن كىندىكى ئارىسىدۇر. ئاياللار ئۈچۈن
بەدىنىنىڭ يېپىشى كېرەك بولغان قىسىمى يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا بەدىنىنىڭ
ھەممە يېرىدۇر.(قازى ئىياز: ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى) پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى
مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا بىنائەن، ئەۋرەتنى يېپىش پەرز. ئاياللارنىڭ
پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت. ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى تىزىدىن كىندىكىگىچە. ئەلىي رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«يوتاڭنى ئاچما، مەيلى تىرىكنىڭ، مەيلى ئۆلۈكنىڭ يوتىسىغا قارىما.»(ئەبۇ
داۋۇد 3124، 3996) مۇھەممەد ئىبنى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەئمارنىڭ يوتىسى ئوچۇق ھالەتتە ئۇنىڭ
يېنىدىن ئۆتتى. مەئمارغا «ئى مەئمار! يوتاڭنى ياپقىن، ھەقىقەتەن يوتا ئەۋەرتتۇر»
دېدى. (ئىمام ئەھمەد؛ 5\290؛ بۇخارى، ھاكىم) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يوتا
ئەۋرەتتۇر.» (تىرمىزى 2798) (يوتىنىڭ ئەۋرەتلىكى توغرىسىدىكى باشقا ھەدىسلەر
قىسقارتىلدى) [پەتىۋا كومېتىتى 5128-نومۇرلۇق پەتىۋا] پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى
ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىمى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى نامەھرەمنىڭ
كۆرۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق ئەھۋالدا نامازنى يۈزى ئوچۇق ھالەتتە ئوقۇيدۇ.
(پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 80708-نومۇرلۇق پەتىۋاسى؛ پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى
ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەل قائۇد)
Yorumlar
Yorum Gönder