زۇلۇمغا نىدا (ئىسلامىي شېئىر)
زۇلۇمغا
نىدا (ئىسلامىي شېئىر)
سۈرە-يۇ
تەۋبىنى ياد ئېتىم كەلدىم،
قەلبىمدە
ئۈمىدنى ئات ئېتىپ كەلدىم.
ئەسىرلەپ
بىر ئىزدا چۆگلىمەس پەلەك،
زۇلۇمكار
تىللارنى مات ئېتىپ كەلدىم.
قۇياشى
پاتىدۇ باغۇ ئىرەمنىڭ،
ئوقۇدۇم"ئەنفال"نى
"داد" ئېتىپ كەلدىم.
ئادالەت
ئارىلى كەلگەي ئىماندىن،
بەدرىدىن
كۆڭلۈمنى شاد ئېتىپ كەلدىم.
قۇزۇق بوپ
قېقىلدۇق، كۇفرى بازغاندا،
ساۋۇتلار
ئېغىلدا، دات ئېتىپ كەلدىم.
قۇياشنىڭ
جىلۋىسى سەپ تۈزگەنگە يار.*
مەن ئاسىي
بولماقنى يات ئېتىپ كەلدىم.
مەغفىرەت
ئەيلىگىل، بەندەڭمەن يارەب،
شۇنچە يىل
يۇلتۇزنى لات ئېتىپ كەلدىم.
_________________* سۈرە سەپ 4-ئايەتكە ئىشارە
2011-يىلى، ئۈرۈمچى.
Yorumlar
Yorum Gönder