غۇسل قىلىش قائىدىسى

غۇسل قىلىش قائىدىسى

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5211-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

غۇسل يېتەرلىك غۇسل ۋە مۇككەممەل غۇسل دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
يېتەرلىك غۇسل: جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش (يەنى غۇسل قىلىش) نىيىتى بىلەن «بىسمىللاھ» دەپ پۈتۈن بەدەنگە بىر قېتىم سۇ تۆكۈشتىن ئىبارەت.
مۇكەممەل غۇسل: جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن «بىسمىللاھ» دېيىش، قوللارنى (ئۈچ قېتىم) يۇيۇش، ئاندىن ئەۋرەتنى يۇيۇش ۋە نىجاسەت تېگىپ قالغان ھەر قانداق ئەزانى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش. ئاندىن بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇش. ئاندىن بەدىنىگە سۇ تۆكۈپ قولى بىلەن بەدىنىنى يۇيۇش، ئاۋۋال بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى يۇيۇش. ئاخىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ پۇتىنى يۇيۇش. غۇسلدا سوپۇن ئىشلەتمەسلىك دۇرۇس. (غۇسلدىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش مەجبۇرىيەت ئەمەس، سۈننەت.) [«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى