ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازدىكى تەكبىرى
پەتىۋا
كومېتىتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەن: ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشى (يەنى
مەئمۇم) نامازدىكى ھېچقايسى جايدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېيتمايدۇ، بەلكى ھەر-بىر
تەكبىرنى (ئىمامنىڭ تەكبىرىگە ئەگىشىپ) لەۋىرىنى مىدىرلىتىپ، ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك
دەرىجىدە دەيدۇ. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى (يەنى مۇنفەرىد) مۇ شۇنداق قىلىدۇ.
ئىمامغا كەلسەك، تەكبىر ۋە تەسمىئ (يەنى رۇكۇدىن تۇرغان چاغدىكى سەمىئەللاھۇ لىمەن
ھەمىدە دېيىش) نى جامائەتنىڭ ئاڭلىيالىشى ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا دەيدۇ. (پەتىۋا
كومېتىتىنىڭ 11317-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
Yorumlar
Yorum Gönder