سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر

سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر


 «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

[1] خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) ئاللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن قوشۇپ مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنىمۇ تولۇق ئورۇنىشقا بۇيرىغان. يۇقارقى ھەدىس مۇنۇ ئايەتنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىرىدۇر.

[2] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى-ھەج؛ مۇسلىم-ھەج؛ ئەبۇ داۋۇد-ھەج؛ مالىك-ھەج)
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان.
يۇقارقى ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغان-نورمال ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.
دەلىلى بۇ:
[3] مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن)

[4] ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم 1-624: ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن)
[5] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.
ئادەتتە يۈزىنى ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.
6. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
7.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن)

يۈز يېپىش توغرىسىدىكى دەلىللەردىن بىر قىسىمىدۇر.

ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«...ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە بېشىنى ۋە چاچلىرىنى ياپىدۇ، يۈزىنى ياپمايدۇ. پەقەتلا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن باش كىيىمىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ.» (فەتھۇل بارى 4-57،58)
پەتھۇلبارى 2-537-867-ھەدىس
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشى مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)

تەپسىلەردە يۈز يېپىش ۋە نامەھرەملەرگە قارىماسلىق

ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە نۇرنىڭ 30-ئايىتى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ؛
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى نامەھرەملەرگە قارىماي، بەلكى ئاللاھ تائالا قاراشنى ھالال قىلىپ بەرگەن ئاياللىرىغا قاراشنى بۇيرۇدى. ئەگەر كۆز نامەھرەمگە مەقسەدسىز تاشلىنىپ قالغان بولسا، كۆزنى دەرھال ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىش لازىم. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا كۆزۈمنى دەرھال ئېلىپ قېچىشقا بۇيرۇدى.
{تاشقى زىننەتلىرىنى ياپسۇن} يەنى يۆگەش مۇمكىن بولمايدىغان ئەزالىرىدىن باقشا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاشقى زىننەت كۆينەك قاتارلىق كىيىملىرىدۇر، دېدى. (تەپسىر ئىبنى كەسىر،4-302)
ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخائىي، ئەتا خۇراسانىي ۋە باشقا بىر قاچە كىشىلەر بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە» دېگەن سۆز ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن يۆگىلىدىغان پۈركەنجىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى باشتىن ئاياققىچە ئورايدىغان پۈركەنجىدۇر، دېدى.(ئىبنى كەسىر 5-71)

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى، ئەگەر ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقسا، بىر كۆزىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇدى.
مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلماندىن ئاللاھنىڭ «پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن» دېگەن ئايىتى ھەققىدە سورىغان ئىدىم، ئۇ سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ۋە بېشىنى ئوراپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. (ئىبنى كەسىر،5-71)
ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق كەلگەن ھەدىسىنىڭ ھەممىسى ھىجاب ئايىتىدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە ئەھزاپتىكى {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) بۇ ئايەتتە ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى، قىزلىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى پۈركۈنجە بىلەن ئورۇنۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئىجرا قىلىپ ئاياللىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپقۇزغان. ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خوتۇنىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ئىجرا قىلغان. ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇئمىن ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتى شەرىھلەپ «ئىختەمەرنا»(ئاياللار يۈزىنى ياپتى) مەنىسىدە كېلىدۇ دېگەن.
يۈزى ئوچۇق ئايال توغرىسىدا كەلگەن ھەر قانداق ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردە ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈز يېپىش پەرز قىلىنمىغان دەۋرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى، ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن ھۆر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىردەك يۈزىنى ياپقا. يۇقىرىدا بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسىمىنى تونۇشتۇردۇق.
ھافىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئۆتمۈشتىكى ۋە زامانىمىزدىكى ئاياللارنىڭ كىيىنىش ئادىتى نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يۆگەشتۇر. (فەتھۇل بارى، 9-424)[وقال الحافظ ابن حجر رحمه الله في "فتح الباري" ( 9/ 424): " ولم تزل عادة النساء قديما وحديثا يسترن وجوههن عن الأجانب " انتهى . ]



ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىشى ھارام

پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا

ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمها. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]
 
ئاللاھ ھەر-بىرىمىزنى ھەقتە مۇستەھكەم قىلسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى