تابىئىن ئىمام: ئەلى ئىبنى ھۇسەين
تابىئىن
ئىمام: ئەلى ئىبنى ھۇسەين
165- ئەلى ئىبنى ھۇسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
ئىمام ئىبنى
جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» (جەۋھەرلەرنىڭ جەۋھىرى) ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە
قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىننىڭ ئانىسى چۆرە ئىدى. ئاكىسى ھەزىرتى
ھۇسەين بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن. ئاللاھ ئىككىلىسىدىن رازى بولسۇن. ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن بولسا ئۇ چاغدا (يەنى كەربالا قەتلىئامىدا)
دادىسى بىلەن بىللە ئەمەس بولۇپ، يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى، كېسەل بولۇپ يېتىپ
قالغانلىقتىن، ئۆلتۈرۈلۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. كۇنيەسى ئەبۇل ھۇسەيىن.
ئابدۇرراھمان
ئىبنى ھەفس ئەل قۇرەشى مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن تاھارەت ئالىدىغان چاغدا
چىرايى سارغىيىپ كېتەتتى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن «تاھارەت ئالىدىغاندا سىلىنى
سارغايتىۋېتىدىغان سەۋەب نېمە؟» دەپ سورىغاندا، «كىمنىڭ ئالدىدا تۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى
بىلمەمسىلەر؟» دەيتتى.
ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەبۇ سەلىم مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ماڭغان چېغىدا قولىنى يوتىسىغا
چۈشۈرمەيتتى، قوللىرىنى پۇلاڭشىتمايتتى. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغىنىدا ئۇ زاتنى
تىتىرەك بېسىپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن «نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورالسا، «كىمنىڭ ھۇزۇرىدا
تۇرىدىغانلىقىمنى ۋە كىمگە يالۋۇرىدىغانلىقىمنى بىلمەمسىلەر؟» دەيتتى.
ئەبۇ نۇھ ئەل
ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ ئۆيىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ
چاغدا ئۇ زات نامازنىڭ سەجدىسىدە ئىدى. ئۇنىڭغا «ئى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەۋلادى، ئوت كەتتى!»
دېيىلدى. ئۇ زات بولسا بېشىنى سەجدىدىن مىدىرلىتىپمۇ قويمىدى، ئاخىرىدا ئوت ئۆچتى.
ئۇنىڭدىن «سىلىنى ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟» دەپ سورالدى.
ئۇ زات «ئۇ دۇنيانىڭ ئوتى مېنى ئۇنىڭدىن توسۇپ قويدى» دېدى.
سۇفيان مۇنداق
دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىنگە بىرەيلەن كېلىپ «پالانچى سىلىنىڭ يامان گەپلىرىنى
قىلىپ، سىلىگە تىل ئۇزارتىۋاتىدۇ» دېدى. ئەلى ئىبنى ھۇسەين ئۇنىڭغا «يۈر، يېنىغا
بارايلى» دېدى ۋە ئۆزىگە تىل ئۇزارتقان كىشىنىڭ يېنىغا كەلدى. غەيۋەت قىلغۇچى ئۆزىنى
ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلماقچى بولدى. ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئۇنىڭغا «ئەي بەندە، ئەگەر
مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئېيتقانلىرىڭ توغرا بولسا ئاللاھ مېنى مەغفىرەت قىلسۇن؛ ئەگەر مەن
توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ خاتا بولسا، ئاللاھ سېنى مەغفىرەت قىلسۇن» دېدى.
ئەبۇ ياقۇب
ئەل مەدەنىي مۇنداق دېدى: ھەسەن ئىبنى ھەسەن بىلەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئارىسىدا
بىر ئىش بولۇپ قالدى. ھەسەن ئىبنى ھەسەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ يېنىغا كەلدى، ئەلى
ئىبنى ھۇسەيىن سەبداشلىرى بىلەن مەسجىدتە ئىدى. ھەسەن ئىبنى ھەسەننىڭ ئەلىگە دېمىگەن
گېپى قىلمىدى (يەنى ئۇنى ھاقارەتلىدى)، ئەلى بولسا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ھەسەن
قايتىپ كەتتى. كەچ كىرگەندە ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ھەسەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ
ئىشىكىنى چەكتى. ھەسەن چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئەلى ئۇنىڭغا «قېرىندىشىم، ئەگەر ماڭا
دېگەنلىرىڭ توغرا بولغان بولسا ئاللاھ مېنى مەغفىرەت قىلسۇن. ئەگەر ماڭا دېگەنلىرىڭدە
يالغانچى بولساڭ، ئاللاھ سېنى مەغفىرەت قىلسۇن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېدى ۋە
ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ھەسەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئارقىسىدىن قۇچاقلىغىنىچە
يىغلىدى. ئەلىگە مەرھەمەت ۋە شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا «مەن دېگەن خۇش كۆرۈلمەيدىغان
سۆزلەر ئەمدى تەكرارلانمايدۇ» دېدى. ئەلى ئۇنىڭغا «ماڭا ئېيتقانلىرىڭنى كەچۈرۈۋەتتىم»
دېدى.
جەئفەر
ئىبنى مۇھەممەد دادىسىدىن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ «دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىش غېرىپلىقتۇر»
دېگىنىنى بايان قىلغان. ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! ئىسانلارنىڭ
كۆزىدە گۈزەل كۆرۈنۈپ، ئىچىمنىڭ سەت بولۇپ قېلىشىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.
ئى ئاللاھ! مەن يامانلىق قىلسام، سەن ياخشىلىق قىلدىڭ. ئەگەر مەن تەكرار يامانلىق
قىلىپ قالسام، سەن تەكرار ياخشىلىق قىل.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن يەنە مۇنداق دەيتتى: بەزىلەر ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ،
بۇ قۇلنىڭ ئىبادىتىدۇر. بەزىلەر ئاللاھتىن بىر نەرس تىلەش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ، بۇ
سودىگەرلەرنىڭ ئىبادىتىدۇر. بەزىلەر شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ، بۇ
ھۆر ئىنسانلارنىڭ ئىبادىتىدۇر.
جەئفەر
ئىبنى مۇھەممەد دادىسىدىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن تاھارەت سۈيىدە
باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى خالىمايتتى. تاھارەت سۈيىنى قۇدۇقتىن ئۆزى
تارتاتتى. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇ قاچىلانغان ئەسۋابنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قوياتتى. كېچىلىك
نامازغا تۇرغىنىدا ئاۋۋال ئېغزىنى مىسۋاكلايتتى. كۈندۈزى ئوقۇيالماي قالغان نەپلە
نامازلارنىڭ قازاسىنى كېچىسى ئوقۇيتتى. ئاندىن «ئى ئوغۇللۇرۇم! گەرچە بۇنداق قىلىش
سىلەرگە ۋاجىب بولمىسىمۇ، مەن پەقەتلا ئۆزۈڭلار كۆنگەن ياخشىلىقنى داۋام قىلىشىڭلارنى
ئۈمىد قىلىمەن» دەيتتى.مەيلى مۇقىم تۇرغاندا بولسۇن، مەيلى سەپەردە بولسۇن كېچە
نامىزىنى قولدىن بەرمەيتتى.
ئۇ مۇنداق دەيتتى:
ئۆزىگە ھەۋەس قىلىدىغان مۇتەكەببىردىن ھەيرانمەن! ئۇ تۆنۈگۈن مەنىي ئىدى، ئەتە
چىرىپ تاپ بولىدۇ. ئۆزىنى ياراتقان ئاللاھتىن شۈبھىلەنگەن كىشىگە قەۋەتلا ھەيرانمەن.
بىرىنچى يارىتىلىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئىككىنچى يارىتىلىشىنى (ئاخىرەتنى) ئىنكار
قىلغانغا تولىمۇ ھەيرانمەن. مەڭگۈلۈك ئاخىرەت يۇرتىنى تاشلاپ، ۋاقىتلىق دۇنيا ئۈچۈن
پايپاسلاپ يۈرگۈچىگە ھەيرانمەن.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىنگە تىلەمچى كەلسە، تىلەمچىنى قارشى ئېلىپ «ئوزۇقىمنى ئاخىرەتكە توشۇغۇچى خۇش
كەلدى» دەيتتى.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن بىلەن بىرەيلەن پاراڭلاشتى ۋە ئۇ زاتقا بۆھتان چاپلىدى. ئەلى رەھىمەھۇللاھ
ئۇنىڭغا «ئەگەر مەن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسام، ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىمەن، ئەگەر
دېگىنىڭدەك بولمىسام، ئاللاھ سېنى مەغفىرەت قىلسۇن» دېدى. ھېلىقى كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ
ئەلى رەھىمەھۇللاھنىڭ بېشىغا سۆيدى ۋە «جېنىم سىلىگە پىدا بولسۇن، ئىش مېنىڭ دېگىنىمدەك
ئەمەس ئىدى، مەن ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىسىلە» دېدى. ئەلى رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا
«ئاللاھ سېنى مەغفىرەت قىلسۇن» دېدى. ئۇ كىشى «ئاللاھ پەيغەمبەرلىكنى كىمگە بېرىشنى
ئەڭ ياخشى بىلىدۇ» دېدى (يەنى سىلى پەيغەمبەرنىڭ چەۋسىرى، پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بۇنچە
يۈكسەك پەزىلەتلىك بولغان يەردە، پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر- دېگەن
مەنىلەردە.)
شەيب ئىبنى
نائامە مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن (ئۆزى ئۈچۈن، ئائىلىسى ئۈچۈن ئېھتىياجدىن
سىرت پۇل خەجلەشتە) پىخسىقلىق قىلاتتى. ۋاپات بولغان چېغىدا مەدىنىدىكى يۈز
ئائىلىنىڭ خىراجىتىنى (ئۆز يېنىدىن) تەمىنلىگىنى ئايدىڭلاشتى.
مۇھەممەد
ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىگە كېلىۋاتقان لازىمەتلىكلەرنىڭ
نەدىن كېلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن،
كېچىلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن كېلىدىغان نەرسە-كېرەكلەر توختاپ قالدى. (ئەسلىدە، شۇ نەرسى
كېرەكلەرنى ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن رەھىمەھۇللاھ «ئوڭ قولى بىلەن سەدىقە قىلغاننى سول
قولى تۇيۇمىغۇدەك دەرىجىدە» مەخپىي ھالدا ئەۋەتىپ تۇرغان.)
ئەبۇ ھەمزە
ئەس سۇمالى مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن كېچىلىرى نان سېلىغان خالتىلارنى دۈمبىسىدە
توشۇيتتى ۋە ئۇنى سەدىقە قىلاتتى. ئاندىن «يوشۇرۇن سەدىقە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى يوق
قىلىدۇ» دەيتتى.
ئامر ئىبنى
سابىت مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ۋاپات بولغىنىدا مىيىتى يۇيۇلدى، ئۇنى يۇغانلار
ئۇ زاتنىڭ دۈمبىسىدە قارا داغلارنى كۆرۈپ «بۇ نېمە ئىشتۇ؟» دېيىشتى. ئۇلارغا «ئۇ كېچىسى
دۈمبىسىدە ئۇن توشۇيتتى، ئۇننى مەدىنىدىكى پېقىر كىشىلەرگە ئاپىرىپ بېرەتتى» دېيىلدى.
ئىبنى ئائىشە
دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: مەدىنە خەلقىنىڭ «ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ۋاپات
بولغانغا قەدەر يوشۇرۇن سەدىقىلەرنى تاپشۇرىۋېلىپ تۇراتتۇق» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. [يەنى،
ئۇ ۋاپات بولدى، يوشۇرۇن سەدىقىلەرمۇ توختىدى، دېمەكچى]
سۇفيان مۇنداق
دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ھەجگە ۋەياكى ئۆمرىگە بارماقچى بولدى. ھۇسەيىننىڭ قىزى
سۇكەينە ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق تەييارلىدى، ھازىرلىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن مىڭ دىرھەم ياكى
شۇنىڭغا يېقىن پۇل سەرپ قىلدى ۋە بۇ ئوزۇقلۇقنى ئەلى رەھىمەھۇللاھقا ئەۋەتتى. ئەلى
مەدىنىدىن چىققاندا بۇ ئوزۇقلۇقلارنىڭ نامراتلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىشىنى بۇيرۇدى،
ئوزۇقلۇق نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.
سەئىد ئىبنى
مەرجانە مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىدىمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ
تائالا شۇ مۇئمىن قۇلنىڭ ھەر-بىر ئەزاسى ئۈچۈن ئازاد قىلغۇچىنىڭ شۇ ئەزالىرىنى
دوزاخ ئوتىدىن ئازاد قىلىدۇ. شۇنداق ئازاد قىلىدۇكى، ئازاد قىلىنغۇچىنىڭ قولىنىڭ مۇكاپاتى
ئۈچۈن ئازاد قىلغۇچىنىڭ قولىنى، پۇتى ئۈچۈن پۇتىنى، ئەۋرىتى ئۈچۈن ئەۋرىتىنى ئازاد
قىلىدۇ» دېدى. ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن سەئىدتىن «بۇ ھەدىسنى سەن ئەبۇ ھۇرەيرەدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟»
دەپ سورىدى. سەئىد «ھەئە» دېدى. ئەلى ئەڭ چەبدەس قۇللىرىدىن بىرىگە «مۇتەررىفنى
چاقىر» دېدى. مۇتەررىف ئەلىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە «كەتكىن، سەن ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن
ھۆرسەن» دېدى. (يۇقارقى ھەدىسنى بۇخارى ‹2527-نومۇرلۇق ھەدى› رىۋايەت قىلغان)
ئابدۇللاھ
ئىبنى جەئفەر بۇ قۇلنى ئەلى ئىبنى ھۇسەيىنگە مىڭ دىنارغا ساتقان ئىدى.
مۇھەممەد
ئىبنى خاتىب ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىنگە
ئىراقلىقلاردىن بىر بۆلۈك كىشى كەلدى. ئۇلار ئەبۇ بەكر، ئۇمەر ۋە ئۇسمان رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇملار ھەققىدە ئېگىز-پەس سۆزلەرنى قىلىشتى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە ئەلى رەھىمەھۇللاھ
ئۇلارغا «ماڭا خەۋەر بېرىڭلار، سىلەر شۇ دەسلەپكى مۇھاجىرلاردىنمۇ؟» دەپ سورىدى ۋە
مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:
«ئۇلار يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ماللىرىدىن ئايرىلغان پېقىر
مۇھاجىرلاردۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ. ئاللاھقا ۋە
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەنە شۇلار سادىقلاردۇر.»(سۈرە ھەشىر 8-ئايەت)
ئۇلار «بىز
ئەمەسمىز» دېيىشتى. ئەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:
«مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارىلار)
يېنىغا ھىجىرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن
نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ. ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى)
ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئەتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار
مەقسەدكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»(سۈرە ھەشىر 9-ئايەت) «سىلەر مۇشۇ خىلدىكىلەردىنمۇ؟» دەپ
سورىدى. ئۇلار «ياق» دېدى.
ئەلى رەھىمەھۇللاھ
ئۇلارغا «ھەر ئىككى تائىپىدىن بولمىغىنىڭلارغا تىلىڭلار بىلەن ئىقرار قىلدىڭلار» دېدى،
ئاندىن: مەنمۇ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ:
{ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن
ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە
قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىسەن،
مېھرىبانسەن»}(ھەشىر سۈرىسى 10-ئايەت) دېگەن كىشىلەردىنمۇ ئەمەسسىلەر. چىقىڭلار،
ئاللاھ جاجاڭلارنى بەرسۇن، دېدى.
نافىئ ئىبنى
جۇبەير ئەلى ئىبنى ھۇسەيىنگە «سەن ئىنسانلارنىڭ سەييىدى ۋە ئەڭ پەزىلەتلىكىسەن، شۇنداق
تۇرۇقلۇق ئاشۇ قۇلنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟» دېدى ۋە
بۇ سۆزىدىكى «قۇل» دىن زەيد ئىبنى ئەسلەمنى نەزەردە تۇتتى. ئەلى رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا
«ئىلىم نەگە كەتسە، كەينىدىن ئەگىشىلىشى كېرەك» دېدى.
ئىبنى ئائىشە
دادىسىدىن مۇنداق دەيدۇ: ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك خەلىپە بولۇشتىن ئىلگىرى ھەج
قىلدى. ھەجرۇل ئەسۋەدكە سالام بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئىمكان تاپالمىدى. ئەلى
ئىبنى ھۇسەيىن كەلدى، كىشلەر ئۇنى كۆرۈپ جايلىرىدا توختاپ، كەينىگە يېنىپ بەردى. ئەلى
ئىبنى ھۇسەيىن ھەجرۇل ئەسۋەدكە سالام بەردى. ئىنسانلار ھىشامغا «بۇ كىم؟» دېدى.
ھىشام «تونىمايمەن» دېدى.
شائىر فەرەزداك
بۇ چاغدا «ئۇنى مەن تونۇيمەن، ئۇ ئەلى ئىبنى ھۇسەيىندۇر» دېدى ۋە مۇنۇ قەسىدىنى
ئوقۇدى:
بۇ ئاللاھنىڭ
بارچە قۇللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ ئوغلىدۇر،
تەقۋادۇر،
پاكتۇر، ئۈلگىلىك شەخىستۇر.
بۇ شۇنداق
كىشىكى: مەككىدىكى ئىلىم دەرسى ئۇنىڭ ئاياق بېسىشىنى كۈتەر.
ئۇنى كەئبىمۇ،
ھالال ۋە ھارام رايونىمۇ تونۇيدۇ.
ئۇ سالام بېرىش
ئۈچۈن كەلگەندە ھاتىم بۇلۇڭى
ئۇنىڭ
قولىنىڭ مەرتلىكىنى ئېلىشنى ئىستەر.
قۇرەيش ئۇنى
كۆرگەن چېغىدا:
كەرەم ۋە پەزىلەت
بۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەۋلادى) بىلەن ئاياقلىشۇر، دەر.
ئەگەر تەقۋا
كىشىلەر سانىلىدىغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمامى بولۇر ياكى:
«دۇنيا خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىم؟» دېيىلسە «بۇلاردۇر»(پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدۇر)
دېيىلۇر.
ئەگەر سەن
بىلمىسەڭ، بۇ فاتىمە (ئانىمىزنىڭ) ئوغلىدۇر(يەنى نەۋرىسىدۇر)،
ئۇنىڭ بوۋىسى
بىلەن پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشقان.
«بۇ كىم؟» دېيىشىنىڭ ئۇنىڭغا زەرەر بەرمەس.
سەن تونۇمىغان
بۇ كىشىنى ئەرەبلەرمۇ، ئەجەملەرمۇ تونۇيدۇ.
ئۇ ھايادىن
كۆزلىرىنى يۇمار، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنى كۆرگەن كۆزلەر يۇمۇلۇر.
پەقەت ئۇ كۈلۈمسىرىگەن
چاغدىلا كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋېلىش شەرىپىگە ئېرىشەر.
سالىھ ئىبنى
ھەسسان مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبكە «مەن پالانچىدىنمۇ بەكراق تەقۋا
بىرىنى كۆرمىدىم» دېدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب «سەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننى كۆردۈڭمۇ؟»
دېدى. ئۇ «ياق» دېدى. سەئىد ئۇنىڭغا «سەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىندىنمۇ تەقۋاراق بىرىنى
كۆرمىدىڭ» دېدى.
زۇھرى رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىندىنمۇ پەزىلەتلىكراق بىر ھاشىمى ئەۋلادىنى كۆرمىدىم،
ئۇنىڭنمۇ فەقىھراق بىرىنىمۇ كۆرمىدىم.
تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننى ھىجرى ئىسمائىلدا سەجدە قىلىۋاتقان ھالدا كۆرۈپ،
ئۆز-ئۆزۈمگە «مانا بۇ پاك بىر ئائىلىدە يېتىشكەن ياخشى كىشىدۇر، ئۇنىڭ سەجدىدە نېمە
دەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمەن» دېدىم (ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم). ئۇ مۇنداق دېدى:«ئەرزىمەس
قولۇڭ ئۆيۈڭنىڭ ھويلىسىدىدۇر، مىسكىنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ھويلىسىدىدۇر، تىلەمچىڭ ئۆيۈڭنىڭ
ھويلىسىدىدۇر، پېقىرىڭ ئۆيۈڭنىڭ ھويلىسىدىدۇر.» (تاۋۇس مۇنداق دەيدۇ) ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، قاچانكى ئۇنىڭ يۇقىرىدا دېگەنلىرى بىلەن دۇئا قىلسام، ئاللاھ
قىيىنچىلىقىمنى پۈتۈنلەي كۆتۈرۈۋەتتى.
ئەبۇ جەئفەر
مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن رەھىمەھۇللاھ ھەر كۈنى كېچە ۋە كۈندۈزدە (جەمئىي)
مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا شامال چىقاتتى، بۇنداق چاغدا ئۇ
ھوشىدىن كېتەتتى.
ئابدۇلغاففار
ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن مەسجىدتىن چىقىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا
بىرى ئۇچراپ، ئۇنى ھاقارەتلىدى. قۇللار ۋە ئۇ زاتنىڭ دوستلىرى ئۇنى ھاقارەتلىگۈچىگە
ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئۇلارغا «ئېغىر بولۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار»
دەپ، ئارقىدىن ھېلىقى كىشىگە بۇرۇلدى ۋە «سەن مەن توغرۇلۇق بىلمەيدىغان ئىشلار تېخىمۇ
نۇرغۇن. بىر ئېھتىياجىڭ بارمۇ؟» دېدى. ھاقارەتلىگۈچى خىجىلچىلىقتا قالدى. ئەلى
ئىبنى ھۇسەيىن ئۇچىسىدىكى يېپىنچىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاتتى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ دىرھەم
بېرىلىشىنى تاپىلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ھېلىقى كىشى ئەلى ئىبنى ھۇسەيىنگە «گۇۋاھلىق
بېرىمەنكى، سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەۋلادىدىندۇرسەن» دەيدىغان
بولدى.
ئەممار
ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ
يېنىدا بىر توپ جامائەت بار ئىدى. ئۇ بىر خىزمەتچىسىگە تونۇردىكى كاۋابنى چاپسان كەلتۈرۈشىنى
ئېيتتى. خىزمەتچى كاۋاپلارنى ئېلىپ ئالدىراش يۈگۈرۈپ مېڭىشىغا كاۋاپ ئۆتكۈزۈلگەن
زىخلاردىن بىرى چۈشۈپ كېتىپ پەلەمپەينىڭ ئاستىدا تۇرغان كىچىك ئوغلىنىڭ بېشىغا
سانجىلدى، ئەلى رەھىمەھۇللاھنىڭ كىچىك ئوغلى شۇ يەردىلا جان بەردى. ئەلى قۇلىغا «سەن
ئازادسەن، قەستەن قىلمىدىڭ» دېدى. ئاندىن، بالىسىنىڭ دەپنە تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.
ئامر ئىبنى
دىنار مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئاغرىپ يېتىپ قالغان مۇھەممەد ئىبنى ئۇسامە
ئىبنى زەيدنىڭ يېنىغا كىردى. مۇھەممەد يىغلاشقا باشلىدى. ئەلى «نېمىشقا يىغلايسەن؟»
دېدى. ئۇ «قەرزىم بار» دېدى. ئەلى «قانچىلىك؟» دەپ سوردى. ئۇ «بەش مىڭ دىنار» دېدى.
ئەلى ئۇنىڭغا «قەرزىڭ ماڭا ھېساب» دېدى
.
ئەبۇ جەئفەر
ئەلى ئىبنى ھۇسەيىننىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئەلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان
قىلىدۇ: دادام ماڭا ۋەسىيەت قىلىپ «مۇنداق بەش خىل كىشى بىلەن دوستلاشما، ئۇلار
بىلەن بىرلىكتە سەپەرمۇ قىلما» دېدى. مەن «ئى دادا! جېنىم سىلى ئۈچۈن قۇربان بولسۇن،
ئۇ بەش تۈرلۈك كىشى قايسىلار؟» دەپ سورىدى. دادام مۇنداق دېدى: پاسىق بىلەن
دوستلاشما، سېنى بىر لوقما تائامغا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز نەرسىگە سېتىۋېتىدۇ. مەن
«ئۇنىڭدىنمۇ ئېزى دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم. دادام «ئۇنداق كىشى ئاچكۆزلۈك قىلىدۇ،
ئاندىن شۇ تاماققىمۇ ئىگە بولالمايدۇ» دېدى.
مەن «ئى
دادا! ئىككىنجىسى كىم؟» دەپ سورىدىم. دادام: پىخسىق بىلەن دوستلاشما، ئۇ سېنى ئۇنىڭ
مېلىغا ئەڭ موھتاج بولغىنىڭدا، مېلىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دېدى.
«ئى دادا! ئۈچۈنچىسى كىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «يالغانچى بىلەن
دوستلاشما، چۈنكى ئۇ سەراپقا ئوخشايدۇكى، ساڭا يېقىننى يىراقلاشتۇرىدۇ، يىراقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.»
«ئى دادا! تۆتىنچىسى كىم؟» دەپ سورىدىم. دادام «ئەخمەق بىلەن
دوستلاشما، ئۇ ساڭا پايدا بېرىدىغان چاغدا پايدا بەرمەستىن زىيان سالىدۇ» دېدى.
«ئى دادا! بەشىنجىسى كىم؟» دەپ سورىدىم. دادام «سىلە-رەھىم قىلمىغۇچى
بىلەن دوستلاشما، چۈنكى ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇنىڭ ئۈچ يەردە لەنەتلەنگىنىنى كۆردۈم»
دېدى.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن دادىسى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، ئىبنى ئابباستىن، جابىر
ئىبنى ئابدۇللاھتىن، سەفىييە ئانىمىزدىن، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزدىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقا كۆپلىگەن ساھابىلىرىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن مەدىنىدە ھىجرىيە 94-يىلى ۋاپات بولدى. 92-يىلى ۋاپات بولغان دەيدىغانلارمۇ
بار. بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئەللىك سەككىز يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن.
Yorumlar
Yorum Gönder