ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغانلار ئۆيلەنسۇن
ئابدۇللاھ
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۆيلىنىشكە قادىر
بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن بەكراق
ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا شەھۋىتىنى كېسىدۇ».([13]) ([13]) سەھىھەين: "بۇخارى"
1905-ھەدىس، "مۇسلىم" 1400-ھەدىس.
Yorumlar
Yorum Gönder