دوختۇرنىڭ بىمارغا يالغان سۆزلىشىنىڭ ھۆكمى


سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 6908 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 11 – سوئالنىڭ جاۋابى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

11 – سوئال: دوختۇرلار گاھىدا بىمارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بىمارلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلسە سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالدا. بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرلار يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەگەر بىمارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى شۇ سەۋەبلىك ياخشىلىنىدىغان بولسا ۋە بۇ يالغان سۆزلەشنىڭ بىمار ۋە باشقىلارغا زىيىنى بولمىسا، بىمارغا يالغان سۆزلەشكە بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر دوختۇرلارنىڭ بىمارغا بىۋاسىتە يالغان سۆزلىمەي، مۇجمەل، ئىككى بىسلىق گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا، بۇ تېخىمۇ بىخەتەر ھەم ئەۋزەل.
ئاللاھتىن بىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.

پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد، ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.
مۇئاۋىن باش مۇفتى: ئابدۇررازاق ئەفىفىي
باش مۇفتى: ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ ئىبنى باز

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟