تابىئىن ئىمام: مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
تابىئىن
ئىمام: مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
[158] مۇھەممەد
ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (مەدىنە؛ 16 ـــ 81)
ئىمام ئىبنى
جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
مۇھەممەد
ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
ئىسمى: مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە، كۈنيەسى: ئەبۇل قاسىم. ھىجىرىيىنىڭ 16-يىلى تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 81-يىلى
65 يېشىدا ۋاپات بولغان. كۆپلىگەن ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ھەدىس رىۋايىتىنىڭ
ئاساسلىق مەنبەسى، دادىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.
ئانىسىنىڭ
ئىسمى: ھەۋلە بىنتى جەئفەر ئىبنى قەيس ئەل ھەنەفىيە. ئانىسىنىڭ ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇغا ئەسىرگە چۈشكەن يەمەن ئەسىرلىرىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنىدۇ.
مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە (ئاللاھ بۇ زاتقا رەھىم قىلغاي) مۇنداق دەيدۇ: (دادام) ئەلى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىدىن كېيىن
بىر ئوغلۇم بولسا، سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى قويسام بولامدۇ؟ ئۇنىڭغا سىلىنىڭ كۈنيەلىرىنى
بەرسەم بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بولىدۇ» دېدى.
(ئۇ زاتنىڭ ئىسم ۋە كۇنيىسىنى ئوغلىغا قويۇشنى) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت
قىلغان ‹1-توم-95-بەت› ھەدىس)
مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە مۇنداق دېگەن: چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىن بولغان كىشىلەر بىلەن تاكى
ئاللاھ بىر روشەنلىك ياكى بىر چىقىش يولى كۆرسەتمىگۈچە چىقىشىپ ئۆتەلمىگەن كىشى ھېكىمەت
ساھىبى ھېسابلانمايدۇ.
مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە مۇنداق دېگەن: كىمكى نەپسىگە ئىززەت كۆرسەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ
قىممىتى بولمايدۇ.(يەنى مۇشۇنداق قىلىشقا تەرغىپ قىلىنماقتا.)
مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە مۇنداق دېگەن: شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە جەننەتنى جېنىڭلارنىڭ
بەدىلى قىلدى، (شۇنىڭ ئۈچۈن)، جېنىڭلارنى باشقا نەرسىلەرگە سېتىۋەتمەڭلار (بەلكى،
جەننەت ئۈچۈن سېتىڭلار.)
سۇفيان
ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە مېنى «ئى مۇنزىر!»
دەپ چاقىردى، «لەببەي» دېدىم. مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە شۇنداق دېدى: ئاللاھنىڭ
رازىلىقى كۆزلەنمىگەن ھەر قانداق ئىش (ۋە نەرسە) يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
ئەلى ئىبنى
ھۇسەيىن مۇنداق دەيدۇ: رۇم پادىشاھى (شۇ چاغدىكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى) ئابدۇلمەلىك
ئىبنى مەرۋانغا بىر پارچە تەھدىت مەكتۇپى ئەۋەتتى. ئۇ مەكتۇبىدا «يا ئۈستىڭگە يۈز
مىڭ دېڭىز قوشۇنى ۋە يۈز مىڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنى بىلەن باستۇرۇپ بېرىپ ھۇجۇم قىلىمەن،
ياكى بولمىسا ماڭا جىيزە تۆلەيسەن» دېگەن ئىدى. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ بۇ مەكتۇپ
سەۋەبلىك جېنى سىقىلدى، ھەججاجغا «مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تەھدىت مەكتۇبى ياز،
ئۇ ساڭا جاۋاب بەرسە، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ماڭا ئەۋەت» دەپ بۇيرۇق قىلدى.
ھەججاج مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيەگە ئۆلۈم تەھدىتى بىلەن توشقان بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتتى. مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە ھەججاجغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:«ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ يۈزىگە
ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم نەزەر سالىدۇ. ئاللاھنىڭ ماڭا بىر قېتىم نەزەر سېلىپ، مېنى سەندىن
قوغدىشىنى تىلەيمەن.»
ھەججاج بۇ مەكتۇبنى
ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋانغا ئەۋەتتى. ئابدۇلمەلىك بۇ مەكتۇپنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىدىن
بىرنى رۇم پادىشاھىغا ئەۋەتتى. رۇم پادىشاھى: بۇ مەكتۇپنى سەن يازماپسەن؛ بۇنداق سۆز
پەقەتلا پەيغەمبەر ئائىلىسىدىن چىقىدۇ، دەپ خەت يازدى.
مۇھەممەد
ئىبنى سەئىد مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە «ماڭا
بەيئەت قىل» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. ئابدۇلمەلىكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەر ئەۋەتتى. ئۇ: مەن
مۇسۇلمانلاردىن بىرىمەن، ئەگەر مۇسۇلمانلار ئىككىڭلاردىن قايسى بىرىنىڭ بىرىنىڭ خەلىپىلىكىگە
ئىتتىپاققا كەلسە، مەنمۇ شۇنىڭغا بەيئەت قىلىمەن، دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئۆلتۈرۈلگەندە
ئابدۇلمەلىككە بەيئەت بەردى.
مۇھەممەد
ئىبنى ھەنەفىيە ھىجىرىيىنىڭ 81-يىلى ئاتمىش بەش يېشىۋا ۋاپات بولدى، بەقىي قەبرىستانلىقىغا
دەپنە قىلىندى. ئاللاھ بۇ زاتتىن رازى بولسۇن.
Yorumlar
Yorum Gönder