تاق رەكئەتنى تۈگىتىپ جۈپ رەكئەتكە قوپۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۇش سۈننەت
سەجدىدىن
تۇرۇپ ئىككىنچى رەكئەتكە ۋە تۆتىنجى رەكئەتكە قوپۇشتىن ئاۋۋال بىر ئاز «جالاسەتۇل
ئىستىراھە» (راھەتلىنىش ئولتۇرۇشى) دېيىلىدۇ.
پەتىۋا
كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىينىڭ نەزىرىدە، ئىمام ئەھمەدنىڭ بىر
تۈرلۈك قارىشىدا ۋە بىر تۈركۈم ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە «جالاسەتۇل ئىستىراھە»
سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جالاسەتۇل
ئىستىراھە قىلغانلىقى توغرۇلۇق مۇنۇ ھەدىس كەلگەن. مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى كۆزەتكەن،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاق رەكئەتتىن (جۈپ رەكئەتكە) تۇرۇشتىن
ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇراتتى.» (بۇخارى 2\249؛ ئەبۇ داۋۇد 844؛ تىرمىزى 378؛
نەسەئىي 2\233) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىش ھەرىكىتى
ئەگىشىشىمىزدىكى ئۆرنەكتۇر. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1272-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ بىر
قىسىمى]
Yorumlar
Yorum Gönder