ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇش ۋە بىرىنجى تەشەھھۇد ئولتۇرىشىدا سول پۇتنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ



پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇش ۋە بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتا سول پۇتنىڭ ئۈستىدە ئۇلتۇرىمىز. بۇ ھەقتىكى دەلىللەر: «ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇشىنى كۆزەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلىپ بولۇپ بېشىنى كۆتۈرگەندە سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان.»( أخرجه أحمد 4 / 316 -318، وأبو داود 1 / 465، 587 برقم (726، 957) والنسائي 2 / 126، 3 / 35، 37 برقم (889، 1264، 1265، 1268 )، والترمذي 2 / 86 برقم (292) والدارمي 1 / 314-315، وابن حبان 5 / 170، 172 برقم (1860، 1945 ).) سەئىد ئىبنى مەنسۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سول پۇتىنى يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى.» (صحيح البخاري الأذان (828) ، سنن الترمذي الصلاة (304) ، سنن أبو داود الصلاة (963) ، مسند أحمد بن حنبل (5/424) ، سنن الدارمي الصلاة (1356).) رافىئ ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر بەدەۋىيگە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«سەجدە قىلسا سەجدەڭدە تەمكىنلىك بىلەن تۇر. (سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ) ئولتۇرساڭ، سول پۇتۇڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇر.»( أخرجه أحمد 4 / 340، وأبو داود برقم (859) والنسائي 1 / 161، 194 والحاكم 1 / 242 .) ئىمام بۇخارى ۋە باشقىلار ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى رەكئەتنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرسا، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئوڭ پۇتىنى سوزاتتى. ئاخىرقى رەكئەت (نىڭ تەشەھھۇدتىكى ئولتۇرىشىدا) ئوڭ پۇتىنى ئالدىغا چىقىرىپ، سول پۇتىنى سوزۇپ، كاسىسىنى (يەرگە قويۇپ) ئولتۇراتتى.»( أخرجه أحمد 5 / 424، والبخاري 1 / 201، واللفظ له، وأبو داود برقم (730) والترمذي 2 / 105 - 107، وابن ماجه برقم (1061 )، والدارمي 1 / 313-314، والبيهقي 2 / 72، 137 .)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى