مۇسۇلمانغاكەلگەن مۇسىبەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سىناقمۇ ياكى ئازابمۇ؟

   

مۇسۇلمانغا كەلگەن مۇسىبەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سىناقمۇ ياكى ئازابمۇ؟
[7763]
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


ئىسلام سوئال _ جاۋابلىرى تورىدىكى 112905 – نومۇرلۇق سوئال
سوئال: بىر مۇسۇلمانغا مۇسىبەت يەتسە، بۇ مۇسىبەتنىڭ شۇ ئادەمنىڭ گۇناھىغا بېرىلگەن جازا ياكى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەن سىناق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟


جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
قۇرئان ۋە سۈننەتكە كۆرە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىزنى ۋە ئەمرى بىلەن، مۇسىبەت ۋە سىناقنىڭ ئىككى بىۋاسىتە سەۋەبچىسى بار:
بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبچىسى:
بەندە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەركەشلىك (ئاللاھقا بويسۇنماسلىق). مەيلى بۇ كۇفۇرغا ئاپىرىدىغان گۇناھ، گۇناھى كەبىرە ياكى ئادەتتىكى گۇناھلار بولسۇن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يۇقىرىقىلارنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى (بۇ دۇنيادا) دەرھال جازالاش ئارقىلىق سىنايدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): « (ئى ئىنسان) ...ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭدىندۇر...» (سۈرە نىسا 4:79). تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتتىكى «ئۆزۈڭدىندۇر» دېگەن سۆزنى «ئۆزۈڭنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىندۇر» دەپ تەپسىرلىشىدۇ.
شۇنداقلا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «سىلەرگە ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ. ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدۇ» (سۈرە شۇرا 42:30).
ئەنەس (رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)دىن پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالايدۇ. ئەگەر ئاللاھ بەندىسىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى (گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى) قىيامەت كۈنىگە قالدۇرىدۇ». ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ھەم ھەسەن دېگەن (2396)؛ ئىمام ئەلبانىي سەھىھ ئەتتىرمىزىيدا سەھىھ دەپ باھالىغان.

ئىككىنچى سەۋەبچىسى:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەبىرچان مۇئمىنلەرنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىرادە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىتائەتچانلىق ۋە سەبىرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ. ئاندىن مۇسىبەتكە سەۋر قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتە بېرىدۇ ھەم ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا غەلىبە قازانغۇچىلار سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ. مۇسىبەت پەيغەمبەرلەر ۋە تەقۋادارلارغا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان. شۇنداقلا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ مۇسىبەتلەرنى شۇ مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى جەننەتتە يۇقىرى ماقامغا ئېرىشتۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان شەرەپلىك ۋاسىتە قىلغان. شۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن بىر سەھىھ ھەدىستە: «ئەگەر بىر بەندىگە ئاللاھ تەرىپىدىن مەلۇم بىر دەرىجە (ماقام) پۈتۈۋېتىلگەن بولسا، شۇنداقلا ئۇ بەندە بۇ دەرىجىگە چۇشلۇق ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تېنى، مېلى ياكى بالىلىرىغا مۇسىبەت چۈشۈرىدۇ» (يەنە بەندە شۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈۋەتكەن ماقامغا يېتىدۇ). ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، 3090 – ھەدىس؛ ئىمام ئەلبانىي ئەس سىلسىلەھ ئەس سەھىھە دە سەھىھ دېگەن، 2599 – نومۇرلۇق ھەدىس.
ئەنەس (رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)دىن پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«زور مۇكاپات زور مۇسىبەتكە ياندىشىپ كېلىدۇ. ئاللاھ بىر بەندىسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى سىنايدۇ. شۇنداقلا، كىمكى ئاللاھنىڭ سىنىقىغا رازى بولسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ؛ كىمكى سىناقلارغا نارازى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ». ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ھەم ھەسەن دېگەن؛ ئىمام ئەلبانىي سەھىھ ئەتتىرمىزىيدا سەھىھ دەپ باھالىغان. 146 – نومۇرلۇق ھەدىس.
بۇ ئىككى سەۋەب ئائىشە ئانىمىز (رەزىياللاھۇ ئەنھا) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە تەڭ بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنگە تىكەن سانجىلغانچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر ھەرقانداق مۇسىبەت يەتسە، ئاللاھ شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ماقامىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ياكى ئۇنىڭ بىر يامان ئەمەلىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. ئىمام بۇخارى (5461 – ھەدىس) ۋە ئىمام مۇسلىم (2573 – ھەدىس) تىن رىۋايەت قىلىنغان.

ھالبۇكى، كۆپىنچە ئەھۋالدا يۇقىرىقى ئىككى سەۋەب تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ.
ئاللاھ بىر بەندىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈۋېتىلگەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنىسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ ھەم بۇ مۇسىبەتلەر ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى جازاسى ھېسابلىنىپ، قىيامەت كۈنى ئۇ شۇ گۇناھلىرى سەۋەبلىك قايتا جازالانمايدۇ. بۇ ھەقتە ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى رەسۇل ۋە پەيغەمبەرلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق؛ يۇنۇس ئىبن مەتتا ئەلەيھىسسالامنى بېلىقنىڭ قارنىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق سىنىدى. لېكىن، ئاللاھ شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان ھەم ئاللاھتىن ئەجىر كۈتكەنىدى. ئۇلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقىنىڭ جازاسى ئىدى. (ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتىكى چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەن؛ يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنىڭ سەركەشلىگە ئاچچىقلاپ، ئۇلارنى تاشلاپ يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەن).
يۇقىرىقى مىسال بۇ دۇنيادىكى جازانىڭ ئاخىرەتتىكى جازا بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مۇسىبەتنىڭ چۈشۈشىدىكى ئىككى سەۋەب نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەردە تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، سەئىد ئىبنى ئەبۇۋەققاس (رەزىياللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ:
مەن: يا رەسۇلۇللاھ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ قاتتىق سىنىلىدىغانلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« پەيغەمبەرلەر، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن قالسا ئەڭ ياخشى كىشىلەر، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن قالسا ئەڭ ياخشىلار. بەندە ئۆزىنىڭ دىندىكى دەرىجىسىگە يارىشا سىنىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم دىندا چىڭ تۇرغان بولسا، ئۇنىڭغا كېلىدىغان سىناق شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئۇنىڭ دىندا چىڭ تۇرۇشىدا ھەرقانداق يېتەرسىزلىك بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ دىندىكى دەرىجىسىگە يارىشا سىنىلىدۇ. بەندىگە كېلىدىغان مۇسىبەت تاكى ئۇ يەر يۈزىدە ھېچقانداق گۇناھى قالمىغان ھالەتتە ماڭغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ» دېدى.
تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان (2398 – ھەدىس) ھەم ھەسەن سەھىھ دېگەن.
ھالبۇكى، بەزى مۇسىبەتلەردە بۇ ئىككى سەۋەبنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۆرۈنەرلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنى شۇ مۇسىبەتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى كافىر بولسا، ئۇ ھالدا، ئۇنىڭغا كەلگەن مۇسىبەت ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى، قىيامەت كۈنى كافىرنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ۋەزنى بولمايدۇ. لېكىن، كافىرغا كەلگەن مۇسىبەتتە باشقىلارغا نىسبەتەن ئىبرەت بار بولۇشى، يەنى باشقىلار شۇ مۇسىبەت ئارقىلىق كافىرلار قىلىپ يۈرگەن قىلمىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشقا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن. ياكى بۇ ئاخىرەتتە كافىر ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىسمى بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى):
«ھەربىر كىشىگە ئىگە بولىدىغان (ئۇلارنى قوغدايدىغان، رىزىق بېرىدىغان) ھەم ئۇلارنىڭ بارچە ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ (ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان يالغان ئىلاھلارغا ئوخشاشمۇ)؟ ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار. يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسە باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر)؟» دېگىن. بەلكى كافىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئىي قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ (33). ئۇلار بۇ دۇنيادا قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ۋە ھەقىقەتەن ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ (34). [سۈرە رەئىد، 13:33 – 34].
لېكىن، ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى ئاشكارا گۇناھ قىلىدىغان مۇسۇلمان بولسا، ئۇنداقتا بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭ گۇناھىغا بېرىلگەن جازا بولۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھنىڭ جازالىنىشى دەرىجىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنداقلا، گۇناھكار دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن بەكرەك گۇناھلىرىنىڭ يۇيۇلۇشىغا موھتاج بولىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى پەرھىزكار، ئىتائەتچان ھەم تەقۋا مۇسۇلمان بولسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھقا سادىق قۇلچىلىق قىلىش (ئۇبۇدىييەھ) ، شۈكۈر قىلىش، ئاللاھنى مەدھىيەلەش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئۆزگە بىر ئىشى بولمىسا، ئۇنىڭغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ۋاسىتە بولۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى. چۈنكى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر. ئەگەر كىشىلەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى مۇسۇلماننىڭ تەقۋالىقىنى بىلسە، شۇنداقلا مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى ئۆزىگە كەلگەن مۇسىبەتكە سەبىر قىلسا، ئۇنداقتا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بەرسە بولىدۇ.
لېكىن، سىنالغۇچى مۇسىبەتتىن نارازى بولسا ۋە قورقسا، ئۇنداقتا بۇ خىل مۇسىبەتنى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈشىدىكى ۋاسىتە دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا شۇ بەندىنىڭ مۇسىبەتكە سەبىر قىلالمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالدا مۇسىبەت شۇ كىشىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن جازا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. سەلەفلەردىن بىرى شۇنداق دېگەن: مۇسىبەتنىڭ شۇ كىشىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋالدا مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى مۇسىبەتكە سەبىر قىلمايدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ ۋە شۇ توغرىلىق كىشىلەرگە دادلايدۇ؛ شۇنداقلا، مۇسىبەتنىڭ كىشىگە كافارەت سۈپىتىدە ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋالدا كىشىلەر مۇسىبەتكە ۋايساش، تەشۋىش ياكى سەبىرسىزلىكتىن خالىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلمايدۇ. جۈملىدىن، مۇسىبەتنىڭ كىشىنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدىكى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، بەندىنىڭ تاكى ئاسانلىق كەلگەنگە قەدەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى رازىمەنلىك، ئىتائەتكارلىق، تىنچ قەلب ۋە سەبىرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىدۇر.»
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت كىشىلەرنىڭ ئاللاھ مۇسىبەت ئارقىسىغا يوشۇرغان ھېكمەتلەر توغرىلىق چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋاسىتىلىك دەلىللەردۇر. لېكىن، ھېچكىم ئۆزى ياكى باشقىلارغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ.
بەلكىم، يۇقىرىقى بارچە تەپسىلاتلاردىنمۇ بەكرەك تەكىتلەشكە تېگىشلىكى، بەندە ھەربىر مۇسىبەت – سىناققا سەبىر قىلسا ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەجىر كۈتسە، ھەرقانداق مۇسىبەت – سىناق ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيىرلىكتۇر؛ ئەگەر بەندە مۇسىبەت – سىناقلاردىن نارازى بولسا، ھەرقانداق مۇسىبەت – سىناق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاپەتتۇر. ئەگەر بەندە ئۆزىنى مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىشقا، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇشقا كۆندۈرسە، مۇسىبەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بىلىش – بىلمەسلىكنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كارايىتى چاغلىق. ئەكسىچە، بەندىنىڭ ھەردائىم ئۆزىدىكى گۇناھ، يېتەرسىزلىك، خاتالىقلارنى ئويلاپ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى، ھېچقايسىمىز خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئارىمىزدا كىم ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىپ باقمىغان؟ ئوھۇد كۈنى قىسمەن مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدەك مۇسىبەت بىلەن ئۇلارنى سىنىغان. ھالبۇكى، شۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي)، رەسۇل ۋە پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلاردىن كېيىنكى ئىنسانلار قانداقمۇ ئۆزىگە كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ھەممىنى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك ئەمەس، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چۈشكەن دېيەلەيدۇ؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) ئاسماندا قارا بوران ۋە بۇلۇتلارنى كۆرسە: «بۇ مېنىڭ گۇناھىم تۈپەيلى بولدى» دەيتتى.
ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ۋە گۇناھلىرىغا نېمە دېسەك بولار؟
تېخىمۇ مۇھىمى، بەندە رەببى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەققىدە ھەرۋاقىت ياخشى ئۈمىدتە بولۇشى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھتىن كەلگەن ھەرقانداق ئىشنىڭ خەيىرلىك ئىكەنلىكىگە ۋە ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا ھامىي، ئەپۇ قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە رەھىم. مەغفىرەت قىلىشىنى، مەنپەئەتلىك ئىلىمنى بىلدۈرۈشىنى تىلەيمىز. ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟