سەجدىدە نېمە دەيمىز ۋە قانداق دۇئالارنى ئوقۇيمىز
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان مۇنداق دېگەن: سەجدىدە بىر قېتىم «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېيىش پەرز. بۇنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېيىش سۈننەت. («قىسقىچە ئىسلام فىقھىسى»، 1\125)
سەجدىدە ئۈچ
قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاق «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېيىلىدۇ. سەجدىدە كۆپ
دۇئا قىلىۋېلىشقا تىرىشىش ئەۋزەل. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن ھالىتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. شۇڭا، (سەجدىدە)
دۇئانى كۆپ قىلىۋېلىڭلار.» [رواه مسلم في الصلاة برقم 744 ، وأحمد في
باقي مسند المكثرين برقم 9083] ئائىشە ئانىمىز مۇنداق
دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇ ۋە سەجدىدە مۇنۇ دۇئالارنى
كۆپلەپ قىلاتتى: سبحانك اللهم ربنا وبحمدك اللهم اغفر لي.» [رواه البخاري في الأذان برقم ( 752 و775 ) وفي المغازي
برقم ( 3955 ) ورواه مسلم في الصلاة برقم 746.]
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
سەجدىدە مۇھىم دۇنياۋى ئېھتىياجى ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن
بىرلىكتە ئاللاھتىن ياردەم سوراش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن. سەجدىدە دۇنياۋىي
ئېھتىياجى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتا بىرەر چەكلىمە يوق. مەسىلەن:«ئى ئاللاھ مېنىڭ پۈتۈن
گۇناھلىرىمنى، كىچىكىنى، چوڭىنى، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمنى، ئاخىرقى گۇناھلىرىمنى،
ئاشكارا گۇناھلىرىمنى ۋە يوشۇرۇن گۇناھلىرىمنى بەغفىرەت قىلغىن» دېگەندەك.
يەنە:«ئى ئاللاھ ماڭا سالىھ ئايالى (سالىھ ئەر) ئاتا قىلغىن»، «سالىھ پەرزەنت ئاتا
قىلغىن»، «ھالالدىن مال-مۈلك ئاتا قىلغىن»، «پۇل مېلىمغا بەرىكەت بەرگىن»، «مېنى
بەندىگە موھتاج قىلمىغىن، پېقىرلىقتىن ساقلىغىن، ھورۇنلۇقتىن ساقلىغىن، رىزىقىمنى
كەڭرى قىلغىن..» دېگەندەك.
ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
نامازدىكى سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىنكى دۇئالاردا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن خالىغان دۇئانى قىلساڭ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يول كەڭرى. بۇ ھالەتلەردە ئاللاھتىن خالىغان ھاجىتىڭنى كۆپلەپ تىلە، يېلىنىپ يالۋۇر ۋە تەۋبە قىل.(ياخشىلار باچىسى شەرھى)
Yorumlar
Yorum Gönder