ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا «رەببىغفىرلى» دېيىش توغرىسىدا
سەجدىدىكى
زىكىر ۋە دۇئالاردىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ پېشانە ۋە بۇرۇننى سەجدىگاھتىن
ئايرىيدۇ، ئاندىن ئىككى قولنى ئايرىيدۇ، سول پۇتنى ياتقۇزۇپ، ئوڭ پۇتنى تىكلەپ
بارماقلىرىنى قىبلىگە قاراتقان ھالدا سول پۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولنى
ئىككى يوتىنىڭ ياكى ئىككى تىزنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ ۋە ئۈچ قېتىم «رب اغفر لي، رب اغفر لي، رب اغفر لي»
«رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي» دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەيتتى. ئاندىن، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش ئەۋزەل «اللهم اغفر لي وارحمني واهدني واجبرني
وارزقني وعافني» (بىن باز؛11\37) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
بۇ دۇئانى قىلغانلىقىنى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. كىشى ئىككى سەجدە
ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئولتۇرۇش ھالىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئوقۇغان دۇئالارنى خالىغانچە ئوقۇسا بولىدۇ.
ئەللامە
سالىھ ئەل فەۋزان مۇنداق دېگەن: ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا بىر قېتىم
«رەببىغىرلى» (ئى ئاللاھ، مېنى مەغفىرەت قىلغىن) دېيىش پەرز. «رەببىغفىرلى» نى ئۈچ
قېتىم دېيىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. («قىسقىچە ئىسلام فىقھىسى» 1\125)
ئەللامە
ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇنى بىر قېتىم دېيىش پەرز، ئۈچ قېتىم ياكى
ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېيىش ئەۋزەل. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى 13\68)
ھۇزەيفە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى
سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ‹رەببىغفىرلى، رەببىغفىرلى› دەيتتى.» (ئىمام ئەھمەد
5\398؛ ئەبۇ داۋۇد 874؛ نەسائىي 1145؛ ئىبنى ماجە 897؛ دارىمى 1\304؛ بەيھەقىي
2\122؛ ھاكىم 1\271)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
Yorumlar
Yorum Gönder