تاھارەت ئالغاندا پايپاققا مەسىھ قىلىش ئەۋزەلمۇ پۇتنى يۇيۇشمۇ؟
تاھارەت
ئالغاندا پايپاققا مەسىھ قىلىش ئەۋزەلمۇ پۇتنى يۇيۇشمۇ؟
ئىسلام
سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 45535 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب:
بارچە
ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئەبۇ
ھەنىفە، مالىك، شافىئىي رەھىمەھۇللاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىم
تاھارەت ئالغاندا پۇتنى يۇيۇش (پايپاق – مەسىگە مەسىھ قىلىشتىن) ئەۋزەل دەپ قاراپ،
«تاھارەتتىكى ئەسلىي بۇيرۇق پۇتنى يۇيۇش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەۋزەل» دېيىشكەن.
(ئەلمەجمۇ 1:502 گە قارالسۇن).
ئەمما،
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ پايپاققا مەسىھ قىلىش ئەۋزەل دەپ قارىغۇچىلارنىڭ بىرى.
ئۇ بۇ ھۆكمىگە تۆۋەندىكىلەرنى دەلىل قىلىدۇ:
1.
پايپاققا مەسىھ قىلىش قولاي. ھالبۇكى، «پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە
ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش توغرا كەلگەندە، گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى.
ئەگەر گۇناھ ئىش بولسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۇنىڭدىن ئەڭ يىراق تۇرغۇچى ئىدى».
بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (3560) ۋە ئىمام مۇسلىم (2327) تەڭ رىۋايەت قىلغان.
2.
بۇ بىر كەڭچىلىك. ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ (ئۆزى
بەرگەن) كەڭچلىكنىڭ پايدىلىنىلىشىنى گۇناھنىڭ تەرك ئېتىلىشىنى ياخشى كۆرگەنگە
ئوخشاش ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (5832) رىۋايەت قىلغان.
ئىمام ئەلبانىي «ئىرۋا ئەلغەلىل» (564) دە سەھىھ دەپ باھالىغان.
3.
پايپاققا مەسىھ قىلىش خاۋارىج ۋە رافىزىلارغا ئوخشاش بۇ سۈننەتكە قارشى تۇرغۇچى
بىدئەتچىلەردىن پەرقلىق بولۇش جۈملىسىدىندۇر.
پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئىككىلىسىنى قىلغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن سەھىھ
ھەدىسلەر بار، يەنى ئۇ تاھارەت ئالغاندا بەزىدە پۇتىنى يۇيغان، بەزىدە خۇففەيىنگە
(پايپاق – مەسە) مەسىھ قىلغان. قىسمەن ئالىملار مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ، پۇتنى يۇيۇش
بىلەن پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىك دەرىجىسى ئوخشاش دېگەن. ئىبن مۇنزىر
رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان.
شەيخۇلئىسلام
ئىبن تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ پۇتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن،
پايپاققا مەسىھ قىلىش بىلەن پۇتنى يۇيۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالمىشىپ تۇرىدۇ، دەپ
قارىغان. دېمەكچى، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ پۇتىدا (تاھارەتلىك ھالەتتە كىيگەن) پايپاق
بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پايپاققا مەسىھ قىلىشى ئەۋزەل. ئەگەر ئۇنىڭ پۇتىدا پايپاق
بولمىسا، پۇتىغا پايپاق كىيىپ ئاندىن ئۇنىڭغا مەسىھ قىلغىنىدىن، پۇتىنى يۇيۇش
ئەۋزەل.
تۆۋەندىكى
ھەدىس بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇففەيىن (خُفَّيٍ)
ىنىنى سالدۇرماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «سالدۇرما.
مەن ئۇنى پاك (تاھارەتلىك) ھالىتىمدە كىيگەن» دېگەن ھەم ئۈستىگە مەسىھ
قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (206) ۋە
ئىمام مۇسلىم (274) تەڭ رىۋايەت قىلغان. مەزكۇر ھەدىس پۇتىدا پايپاق (ياكى مەسە)
بار ئادەم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىمام
تىرمىزىي (96) سەفۋان ئبن ئەسسال رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسمۇ بۇ
نۇقتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. سەفۋان ئبن ئەسسال رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى مۇساپىر بولغىنىمىزدا جۇنۇپلۇقتىن
باشقىسىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز كەشىمىزنى سالماسلىققا بۇيرىدى . بىز چوڭ تەرەت ، كىچىك
تەرەت ۋە ئۇخلىغان ھالەتتە ئۇلارنى سالمايتتۇق ۋە مەسىھ قىلاتتۇق». ئىمام ئەلبانىي
«ئىرۋا ئەلغەلىل» (104) تە سەھىھ دەپ باھالىغان. بۇ ھەدىستىكى كەشنى سالماسلىق
بۇيرۇقى بۇنداق قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىگە دالالەت قىلىدۇ، ئەمما بۇ پەقەت پۇتىدا
پايپاق (ياكى مەسە دېگەندەك) بار كىشىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان.
شەيخۇلئىسلام
ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
خۇلاسىلىگەندە،
بىر كىشى ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ ئەۋزىلى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلگىنىدۇر. ئەگەر
بىر ئادەم يالىڭاياغ (پۇتىدا پايپاق ياكى مەسە يوق) بولسا، ئۇنىڭ ئاۋۋال
(تاھارەتلىك ھالىتىدە) پايپاق كىيىۋېلىپ ئاندىن مەسىھ قىلغىنىدىن پۇتىنى يۇيغىنى
ئەۋزەل. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۇتىدا خۇففەيىن (پايپاق
ياكى مەسە) يوق چاغدا تاھارەت ئالماقچى بولسا پۇتىنى يۇياتتى. ئەگەر پۇتىدا
خۇففەيىن بولسا، ئۈستىگە مەسىھ قىلاتتى. (ئەلئىسناف 1:378).
ئىبن
قەييۇم رەھىمەھۇللاھ «زادەلمەئاد» ناملىق ئەسىرىدە (199\1) دە مۇنداق دېگەن:
بىراۋ
تاھارەت ئالغاندا، پۇتىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولسا، شۇنىڭغا ئاساسەن قارار
چىقىرىشقىلا بۇيرۇلغان. ئەگەر ئۇ خۇفۇف (پايپاق ياكى مەسە) كىيگەن ھالەتتە بولسا،
ئۇنى سېلىۋەتمەي، ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى كېرەك. ئەگەر پۇتىدا خۇفۇف بولمىسا،
ئاتايىن پۇتىغا پايپاق ياكى مەسە كىيىپ ئاندىن ئۈستىگە مەسىھ قىلىپ يۈرمەي، پۇتىنى
يۇيۇشى كېرەك. بۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئەڭ توغرا قاراش. شەيخىمىز (شەيخۇلئىسلام ئىبن
تەيمىيەنى دېمەكچى) نىڭ كۆز قارىشىمۇ شۇدۇر.
ئاللاھ
ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەرجىماندىن
ئىلاۋە: يۇقىرىدا پايپاق – مەسىگە مەسىھ قىلىش بىلەن پۇتنى يۇيۇشتىن قايسىسىنىڭ
ئەۋزەللىكى توغرىسىدىكى قاراشلار تەپسىلىي بايان قىلىندى. ئەمما، قېرىنداشلىرىمىز
شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، پايپاق ياكى مەسىگە مەسىھ قىلىش پۇتنىڭ، شۇنداقلا
پايپاقنىڭ پاكىز تۇتۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن، پايپاققا مەسىھ قىلىمەن دەپ، پۇراپ كەتكەن، مەينەت
پايپاقلارنى كىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىپ يۈرۈش ياخشى مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان
ئىشى ئەمەس.
Yorumlar
Yorum Gönder