Kayıtlar
ناماز ۋاقىتلىرى etiketine sahip yayınlar gösteriliyor
سۈننەت نامازلارنىڭ ۋاقتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
سەھىھ ھەدىستە بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
سەھىھ ھەدىستە بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى بەش ۋاخ نامازنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەندىن باشلاپ، كىشىنىڭ سايىسى ئۆز بويى مىقدارىغا يەتكۈچە، ئەسىرنىڭ ۋاقتى كۈن سارغىيىپ كەتكۈچە، شامنىڭ ۋاقتى شەپەق قالمىغۇچە، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە، بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولىدۇ. كۈن چىقىۋاتقاندا ناماز ئوقۇما، چۈنكى كۈن شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.» (مۇسلىم 612) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقى ۋاقتى بار. پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەندە باشلىنىپ، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن تۈگەيدۇ. ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن سارغايغاندا تۈگەيدۇ. شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن باشلىنىپ، شەپەق نۇرى يوقالغاندا ئاخىرلىشىدۇ. خۇپتەننىڭ ۋاقتى كەچكى شەپەق يوقالغاندا...
خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇش پەرز
- Bağlantıyı al
- X
- E-posta
- Diğer Uygulamalar
خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇش پەرز پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى خۇپتەن نامىزىنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇش پەرز، ئۇنى يېرىم كېچىندىن كېيىنگە قالدۇرۇپ قويۇش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ.» (مۇسلىم 612؛ نەسائىي 522؛ ئەبۇ داۋۇد 396) شۇ ۋەجىدىن، خۇپتەن نامىزىڭىزنى يېرىم كېچىدىن ئىلگىرى ئوقۇشىڭىز كېرەك. كېچە (پەسىلگە قاراپ) ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يېرىم كېچە كېچىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. (كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولغان مۇددەت كېچە ھېسابلىنىدۇ.) يېرىم كېچىنى بىلىشتە، كېچىنىڭ قانچە سائەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. (مەسىلەن،) ئەگەر كېچە ئون سائەت داۋاملاشسا، خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ بەشىنچى سائىتى چىقىپ كەتكۈچە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر كېچە ئون بىر سائەت داۋاملاشسا، خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ بەش يېرىمنىچى سائىتى چىقىپ كەت...