سۈننەت نامازلارنىڭ ۋاقتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
سۈننەت نامازلارنىڭ ۋاقتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى»
ناملىق مەشھۇر سېلىتۇرما فىقھى ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان ھەر-بىر
سۈننەت نامازلارغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوقۇلۇش ۋاقتى ئۆزى تەۋە بولغان پەرز نامازنىڭ
ۋاقتى كىرىش بىلەن باشلىنىپ، شۇ پەرز ناماز ئوقۇلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. پەرز
نامازلاردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ھەر-بىر سۈننەت نامازلارغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوقۇلۇش
ۋاقتى ئۆزى تەۋە بولغان پەرز ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ، شۇ پەرز
نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. (ئەلمۇغنى، 1-جىلد،
436-بەت)[ئەرەبچىسى: قال ابن قدامه رحمه الله : " كل سنة قبل
الصلاة , فوقتها من دخول وقتها إلى فعل الصلاة , وكل سنة بعدها , فوقتها من فعل
الصلاة إلى خروج وقتها " انتهى من " المغني " (1/436) .]
Yorumlar
Yorum Gönder