جەننەتكە ئاپىرىدىغان ئىلىم يولى



 
جەننەتكە ئاپىرىدىغان ئىلىم يولى

قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن ھەرقانداق ياخشى ئىسلامىي پەتىۋا ماقالە ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقاندا كىشى ئاللاھنى توختىماي زىكىر قىلىۋاتقان ھېسابلىنىدۇ ۋە قەدەممۇ قەدەم جەننەت يولىغا يېقىنلىشىۋاتقان بولىدۇ. ئىلىم ئېلىش، ئىلىم يېيىش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«دۇنياغا ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەرگە لەنەت قىلىنغان. بىراق، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەر، ئالىم ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچى لەنەتلىنىشتىن مۇستەسنا.» تىرمىزى2322؛ ئىبنى ماجە 4112
ئەمما، ئىلىمنىڭ گېپى چىققاندا مۇنۇ نۇقتىنى ھەر-بىر قېرىنداشلىرىمىزغا جېكىلەپ قويۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا ماڭغا ئىلىم ئەھلى ۋە تالىبۇل ئىلىملەر جەننەت يولىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىدا گەپ يوق. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرىگە ھەر-بىر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى دوزاخ يولىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، ئاللاھ قۇرئاندا نېمىگە بۇيرىغان بولسا شۇنى ئۆز پېتى ئورۇندايتتى، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھقا ئۆز پېتى ئەگىشىپ، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەربىر ئەمەلىيىتىنى رەسۇلۇللاھتىن ئۆگىنەتتى. دېمەك، رەسۇلۇللاھقا ۋە ساھابىلەرگە ئەگىشىش جەننەت يولىغا قاراپ ماڭغانلىق بولۇپ، جەننەت يولىنىڭ ئاساسىمۇ، چوققىسىمۇ ئىلىم ئارقىلىق بولىدۇ. شۇڭا، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا ماڭغان ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى، موللا ۋە ئالىم ھەممىسى جەننەت يولىغا قاراپ ماڭغۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرىگەن، ئېغىزدا بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا، ئەھلى سۇننە يولىدا دەپ داۋا قىلسىمۇ، يا ئەقىدىدە، يا ئەمەلدە، يا ھەر ئىككىسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ، ساھابىلەرنىڭ يولىدىن قېيىپ كەتكەن ھەر قانداق كىشى دوزاخ يولىنى بويلاپ ماڭغۇچىدۇر. بۇ دوزاخ يولىنى بويلاپ ماڭغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى تىپىك مىسالى ئۇيغۇرلاردىن كۆزگە كۆرۈنگەنراقى قارا قورساق ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، ئەرەپچە بىلىدىغان ئەنەس ھاجىم ئىككىسىدۇر. بۇ ئىككىسى ھەدىسكە ئەگەشمەيمىز، قۇرئانغا ئەگىشىمىز دەپ دەۋا قىلغان يالغان قۇرئانچى كاپىرلارنىڭ ئۇيغۇرچە مالايلىرى بولۇپ، بۇلار رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلىدۇ. قۇرئاندىكى يۈزلىگەن ئايەتتىكى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش بۇيرۇقى كەلگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ئايەتنى ئەمەس، يۈزلىگەن ئايەتنى ئىنكار قىلىشى كاپىرلىقنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يالغان قۇرئانچى ئۇيغۇر كاپىرلارنىڭ يالغان قۇرانچى تۈرك خوجايىنلىرىغا كەلسەك بۇلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئابلىز بايىندىر ۋە مۇستافا ئىسلام ئوغلى (توغرىسى شەيتان ئوغلى) بار. بۇ ئىككىسىنى تۈركتىن بولغان مالىيى مەھمەت ئوكۇيان، جۈببەسىز مەھمۇد ۋە باشقا ئۇششاق چۈششەك نىجىسلاردۇر. بۇلار رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلىدۇ، ھەدىسنى ئىنكار قىلىدۇ، ھەدىسنىڭ دىندا ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. تۆت ئىمامغا تىل تەگكۈزىدۇ، ئىسلام ئالىملىرىدىن ھېچكىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. مۇستافا شەيتان ئوغلىنىڭ شىئە كاپىرلىرىنىڭ تۈركىيەدە نىقابلىنىۋالغان مالىيى ئىكەنلىكى خېلىدىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغاپ كېلىگلىك. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدىكى تەرىقەتچى «خوجا» لاردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ھەدىسكە ئەگىشىمىز دەپ ئەھلى سۈننە چاپىنىنى كىيىۋالغان، ئەمما ئىسلامغا پۈتۈنلەي زىت بولغان تەسەۋۋۇپ-سوپىزىمغا ئىسلام تونى كىيگۈزۈپ، تۈركىيەدە بازارغا سېلىپ ساتماقتا. جۈببەلى ئەھمەد تۈركىيەدىكى تەسەۋۋۇپچى سوپىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ. قىيامەت كۈنى ئازاپ پەرىشتىسى سېنى دوزاخقا تاشلاش ئۈچۈن تۇتسا، مەن سوپىزىمنىڭ نەقشىبەندىيە پىرقىسىنىڭ پالانچى شۆبىسىدىن (يەنى ئۆزى دەۋا قىلىۋاتقان شۆبىسىدىن) دېسەڭ، شۇ ھامان ئازابتىن قۇتۇلىسەن دېيىش ئارقىلىق جەننەت بىلەن دوزاخنى ھۆددىگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئىشارە قىلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە دېگەن ئوچۇق رەۋىشتىكى يەتتە ئايەتنى، ۋە ۋاستىلىك رەۋىشتىكى نەچچە ئونلىغان ئايەتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە ئەمەس ھەممە يەردە دەيدۇ. ئاللاھنىڭ شەنىنى بۇلغايدۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنى نەپسىگە ئەگىشىپ ئىنكار قىلىدۇ. ئالىپ ئارسلان كۇيتۇل دېگەن كىشىمۇ ئازغۇن بولۇپ، ئاللاھ ئەرشتە ئەمەس ھەممە يەردە دەيدۇ. سوپىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئازغۇن ئەقىدىسى ئاللاھنىڭ ئەرش ئۈستىدىكىلىكىنى ئىنكار قىلىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئاللاھ بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت. بۇنى سوپىزىم كىتابلىرىنى تەتقىق قىلغان كىشىلەر ياخشى چۈشىنىدۇ. يەنە باشقا پارچە پۇرات خوجىلاردىن ئەقىدىسى بۇزۇقلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم يولىدا ئەمەس، جاھالەت يولىدىكى؛ جەننەت يولىغا كېتىۋاتقان ئەمەس، دوزاخ يولىدا كېتىۋاتقان جاھالەت دەئۋەتچىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ بۇنداقلار توغرۇلۇق «مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن بىر كۆزى كور دەججالدىنمۇ بەك ئەنسىرەيدىغىنىم-ئازغۇن موللىلاردۇر» دېگەن. چۈنكى، ئازغۇن موللا يۇقارقىلارغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنى دوزاخ يولىغا دەئۋەت قىلىدۇ. شۇڭا، ھەدىستىكى ئىلىم يولى دەپ ئاتالغان يول قۇرئان ۋە سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلغان تەقۋادار مۆمىلەر مېڭىۋاتقان يولنى كۆرسىتىدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟