تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت؟
تاماقتىن
كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت؟
(قوشۇمچە
ماۋزۇ: نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت؟)
بۇ ماقالە
ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكى «تېمىغا كىرىش: رەسۇلۇللاھقا
ئىتائەت قىلىش پەرز» دۇر. بۇ بۆلەكتە ئايەت ھەدىستىكى دەلىللەرگە ئاساسەن
رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنىپ پەرز ئىكەنلىكىگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرلىدۇ.
ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى «دۇئادا قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى» بولۇپ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە
بېرلىدۇ. ئۈچىنچى بۆلىكى «خاتىمە» بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ماقالىدە نەقلىي ۋە ئەقلىي
دەلىللەر ئامال بار قىسقىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەد خەلقىمىزنىڭ
ماقالىدىكى مۇددىئانى قىينالماستىن ئاسان چۈشىنىۋېلىشىدۇر.
تېمىغا
كىرىش: رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز
ناھايىتى
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھقا
چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز. رەسۇلۇللاھقا، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە
ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار يوللايمىز.
پۈتكۈل
ئىسلام ئۈممىتىگە ئورتاق پىرىنسىپ شۇكى: دىندىكى ھەر قانداق بىر ئەمەل ئايەت-ھەدىس
ۋە ساھابىلەرنىڭ پېئىلى بويىچە بولىدۇ. بىر بەندە ئايەت ھەدىسنى ئوقۇپ چۈشەنگىنى
بويىچە مەلۇم بىر ئەمەلنى قىلسا، ئەمما ئۇ ئەمىلى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ
سۈننىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە قىلىۋاتقان ئىشى شەكسىز باتىلدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا
مۆمىنلەرنى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«{وَأَطِيعُوا
اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ} سىلەرگە رەھمەت
قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت
قىلىڭلار»(3:132)«كىمكى
ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.»(4:80)«
كىمكى ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت
قىلىدىكەن،
ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ
يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.»(4:13) «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا،
پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت
قىلىڭلار،
ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا
ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھ نىڭ
كىتابىغا
ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر،
نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر»(4:59) «كىملەركى ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە
ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھ نىڭ
نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك
پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار
بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار»(4:69)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا
ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.»(بۇخارى)، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ مەندىن ئەمەس.»(بۇخارى) «دىندا
يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان
ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»(بۇخارى)
پەيغەمبەرگە
ئىتائەت قىلىش توغرۇلۇق ئۈممەتنىڭ مۇپتىسى ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىش دېگەن ئۇ زات
قىلغاننى قىلىش بىلەن، قىلمىغاننى قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ.»(بىن باز پەتىۋالىرى
توپلىمى). بۇ ھەقتە باشقا ئالىملارمۇ يۇقارقى مەزمۇندا سۆز قىلغان. ئالىملار
ئىچىدە ھېچكىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلماسلىق دۇرۇس
دېمىگەن. بەلكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ،
ئىتائەتنى تەرك ئېتىش ھارام، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئېتىش تەرك ئەتكەن
ئەمىلىگە قاراپ كامىدا پاسىق، يۇقىرىسى مۇرتەدتۇر.
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشتا تۆت ئىمامنىڭ ۋە باشقا ئەھلى
سۈننە ئىماملىرىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى «سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن ئۇ مېنىڭ مەزھىبىم»،
«كۆز قارىشىم قۇرئان ھەدىسكە ئۇيغۇن كەلسە ئېلىپ، ئۇيغۇن كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاڭلار»
دېيىشتىن ئىبارەت بولغان.
«رەسۇلۇللاھقا
ئىتائەت قىلىش ئۇ زات قىلغاننى قىلىش بىلەن، قىلمىغاننى قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ»
دېگەن شەرئىي پىرىنسىپ شەرىئەتتىكى يادرولۇق پىرىنسىپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ دىندا
قىلمىغاننى قىلىش بىدئەت، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلغاننى تەرك ئېتىش كامىدا پاسىقلىق،
يۇقىرىسى كاپىرلىقتۇر. يەنى، رەسۇلۇللاھقا بولغان ئىتائەت قىلماي خالىغىنىم بويىچە
ئىش قىلىمەن دېگۈچى ھەر قانداق كىشى قىلغان ئەمىلىگە، ئەقىدىسىگە قاراپ ياكى پاسىق
ياكى كاپىر بولىدۇ.
دۇئادا قول
كۆتۈرۈش مەسىلىسى
دۇئادا قول
كۆتۈرۈش سۈننەت بولۇپ، ھەدىستە «بەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ
بەندىنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېيىلگەن. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنىڭ
قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرۇلۇق بىر قىسىم سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ھېچقايسى
ئەھلى سۇننە ئالىمى دۇئادا قول كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ دېگەن ئەمەس.
يۇقىرىدا
بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار ھەممە ئىشىدا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇشى كېرەك.
ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرگە - ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان
ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى
ئۈلگىدۇر.»(3:21) ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە
تۇتمىغۇچىدا قەتئىي ياخشىلىق يوق. گەپ دۇئا مەسىلىسىدە بولغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھ
نەدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بولسا بىزمۇ شۇ يەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىمىز،
نەدە قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان بىزمۇ شۇ يەردە قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
رەسۇلۇللاھ
جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە يامغۇر تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا
قىلغان؛ ۋىدالىشىش ھەججىدە ساھابىلىرىگە ۋەز-نەسىھەت، تەلىم بېرىپ بولۇپ، ئى
ئاللاھ يەتكۈزدۈممۇ دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن؛ بىر ساھابىسى رەسۇلۇللاھنى سۈت
بىلەن سۇغارغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغان؛
كېچىسى بەقىيئ قەبرىستانلىقىغا بارغاندا قەبرە ئەھلىگە مەغفىرەت ۋە ياخشىلىق تىلەپ
ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان؛ خالىد ئىبنى ۋەلىد
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇنەين غازىتىدا بەزى ئەسىرلەرنى خاتالىشىپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندا
«ئى ئاللاھ! خالىدنىڭ قىلمىشىدىن مەن ئادا جۇدامەن» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا
قىلغان... يۇقارقىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بەزى
ھالەتلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسىگە سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەر بار. بۇنىسى سۈننەتنى
بىلگەنلەرگە بەش قولدەك ئايدىڭ. دېمەك، يۇقارقىدەك ئەھۋاللاردا ۋە ئومۇمىي
ئەھۋاللاردا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش دۇرۇس، بۇ سۈننەت.
ئەمما،
رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان ئەھۋاللاردا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىۋېلىش
بىدئەتتۇر. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى
سەجدىدىكى ھالىتىدۇر، سەجدىدىە رەببىڭلارغا كۆپ دۇئا قىلىۋېلىڭلار» دېگەن. شۇنداقلا،
ئۆزىمۇ سەجدىدە ھەر تۈرلۈك گۈزەل دۇئالارنى قىلغان. ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەجدىدە
ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس. بىر بەندە «ئاللاھ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ
دۇئا قىلغان بەندىنىڭ قولىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى تۇتقۇ
قىلىپ سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ قىلمىشى باتىل. بەندە ھەر
نامازدىكى تەشەھھۇدتا دۇئا قىلىدۇ. ئەمما، دۇئا قىلىش توغرىسىدا كەلگەن ئومۇمىي
ھەدىس بويىچە تەشەھھۇدتىكى دۇئاسىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ قىلغان
ئەمىلى باتىل، نامىزى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى،
رەسۇلۇللاھ سەجدىدە، تەشەھھۇدتا (ۋە باشقا بىر تۈركۈم جايلاردا) ھېچقاچان ئىككى
قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس. بۇنداق كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئاتىگاچلىق
قىلغان، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئايەتلەرگە قارشى ئىش قىلغان،
جۈملىدىن، قۇرئاننىڭ «ئى مۆمىنلەر! سىلەر (ھەر قانداق ئىشتا ۋە ھەر قانداق سۆزدە)
ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار» (سۈرە ھۇجرات،1-ئايەت)
ئايىتىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ۋە «كىمكى بىز قىلمىغان ئىشنى
قىلسا، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» ھەدىسىگە، «دىنىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان
ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر» ھەدىسىگە بىنائەن ئۇ قىلمىشى رەت قىلىنىدۇ ۋە بىدئەت
دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
[بىدئەت:
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان، قارىماققا دىندا باردەك كۆرۈنىدىغان،
ئەمەلىيەتتە دىنغا قارشى ھېسابلىنىدىغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان،
رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىلىگە ۋە ئاللاھنىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا زىت ھەر قانداق
دىنىي تۈس ئالغان ئەمەلدۇر. بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ھارام. بىدئەتچىنىڭ دۇئاسى
ئىجابەت ئەمەس، قىلغان ئەمىلى مەقبۇل ئەمەس، تەۋبىسى قوبۇل ئەمەس. بۇ سۆزىمىزنىڭ
ھەر بىرىگە سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەر بار.]
قول كۆتۈرۈپ
دۇئا قىلىشىنىڭ نەرى خاتا دېگۈچىگە «سەجدىدە، تەشەھھۇدتا، ناماز باشلانغاندىكى
دۇئادا نېمىشقا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمايسىز؟» دەپ سوئال تاشلايمىز. رەسۇلۇللاھ
قىلمىغان، شۇڭا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش يۈزىسىدىن قول كۆتۈرمەيمەن، دېسە توغرا
قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۆزنى قىلسا، «نامازدىن كېيىن ۋە تاماقتىن كېيىن
قول كۆتۈرگەندىن كېيىن تايىنلىق يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن ناماز باشلاش
دۇئاسىدا، سەجدىدە، تەشەھھۇدتىمۇ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىڭ» دەپ بۇيرۇيمىز. بۇنداق
دېيىشىمىز ئارقىلىق سەجدىدە، تەشەھھۇدتا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغۇچى قانچىلىك
ئەخمىقانە ئىش قىلغان بولسا، تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغۇچىمۇ شۇنچىلىك
ئەخمىقانى ئىشنى قىلغانلىقىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.
تېمىغا
كەلسەك: تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشمۇ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ۋاجىپ
قىلىدىغان ئەمەللەردىن بىرى بولۇپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
تاماقتىن كېيىن «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي كَفَانَا ، وَأَرْوَانَا
غَيْرَ مَكْفِيٍّ وَلا مَكْفُورٍ ، وَقَالَ مَرَّةً : الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّنَا
غَيْرَ مَكْفِيٍّ ، وَلا مُوَدَّعٍ ، وَلا مُسْتَغْنًى رَبَّنَا ». (رواه البخاري
(5459) دەپ دۇئا قىلغان. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ
تاماقتىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئايەت ھەدىستىن
ھېچقانداق شەرئىي دەلىل يوق. قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئام
بولۇپ، ئادەتتىكى ھاللاردا مۇسۇلمان بەندە دۇئالىرىدا قول كۆتۈرسە دۇرۇس. ئەمما،
رەسۇلۇللاھنىڭ پېئىلىدىن ئېنىق خەۋەر كەلگەن تاماقتىن كېيىنكى، نامازدىن كېيىنكى،
ئۆيگە پەتىلەپ كىرگەندىكى... ئەھۋاللاردا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت،
يەنى بۇلار رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، دىندا يېڭىدىن چىققان ئەمەل. رەسۇلۇللاھ 23
يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا تاكى ۋاپات بولغۇچە كامىدا تەخمىنەن قىرىق مىڭ ۋاخ
بەش ناماز ئوقۇغان (ھېسابلاپ باقسىڭىز مۇشۇنداق چىقىدۇ)؛ كامىدا كۈنىگە بىر ۋاخ
تاماق يېدى دېگەندىمۇ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا كامىدا تەخمىنەن توققۇز مىڭ
ۋاخ تاماق يېگەن (ھېساپلاپ باقسىڭىز مۇشۇنداق چىقىدۇ). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتىدا ناماز بىلەن تاماق يېيىش كۈندە تەكرار يۈز
بېرىدىغان ئەڭ كۆپ قىلغان ئەمىلى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زاتنىڭ نامازدىن كېيىن ۋە
تاماقتىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرمۇ سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن.
بۇ ھال رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغانلىقىنى
ئىسپاتلاشتا يېتىپ ئاشىدۇ. نامازدىن ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشتا
زىغىرنىڭ ئۇرۇقىچىلىك پايدا بولغان بولسا رەسۇلۇللاھ چوقۇم قىلىپ ئۈممىتىگە
ئۆگەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاندا رەسۇلۇللاھنى «كىتابنى ۋە ھېكمەتنى
(يەنى سۈننەتنى) ئۆگىتىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستە
«سىلەرگە پايدىلىقلا ئىش بولسا يەتكۈزمەي قالمىدىم، سىلەرگە زىيانلىقلا ئىش بولسا
ئۇنىڭدىن توسماي قالمىدىم» دېگەن. (ھەدىسنى ئىمام ئەلبانى ۋە باشقىلار رىۋايەت
قىلغان)
ئاللاھ
قۇرئاندا ھەممە ئىشتا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇشقا، ھېچقانداق ئىشتا ئۇ زاتنىڭ
ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئاتىگاچىلىق قىلماسلىققا بۇيرۇغان بولۇشىغا قارىماستىن، بەزى
مۇسۇلمانلارنىڭ – ھەتتا داموللام ئاتالغان بەزى كىشىلەرنىڭ – رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت
قىلىشتىكى تەۋھىد ئەقىدىسى يېتەرسىز، قۇسۇرلۇق بولغانلىقى، دىندىكى ئام ۋە خاس
دەلىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىلىمسىز بولغانلىقى، بىر تۈركۈم موللاملار خەلققە
دىننى ئۆگىتىشتە لاياقەتسىزلىك قىلىپ، كىتاب ۋە سۈننەتنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكى
سەۋەبلىك، ئۇ موللاملاردا بولسۇن ياكى ئۇلارغا ئەگەشكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر
مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلىپ، قىلغان ئىشنى
قىلمايدىغان تەتۈر كەيپىيات شەكىللەنگەن. بۇ ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىش
بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە «كىمكى دىندا بىز قىلمىغان ئىش قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت
قىلىنىدۇ» دېگەن. (ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم).
خۇلاسە
شۇكى: تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن رەت
قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىللىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
خاتىمە
قول
كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ھەدىسلىرى ئام (ئومۇمىي)، تاماق ۋە ناماز مەسىلىلىرى خاس
بولۇپ، ئام ھۆكۈمنى خاس ھۆكۈمنڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا
توغرا ئەمەس. خاس ھۆكۈم ھەر زامان ئامنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئام ھۆكۈمنى
خاسلاشتۇرۇۋالغۇچى دىندا بىدئەت پەيدا قىلىپ ئىختىلاپ تېرىشى تەبئىي. دىندا ئاللاھ
رازى بولىدىغان يولدا ماڭىمەن دېگۈچى چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى كۈچىنىڭ
يېتىشىچە ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تابىئىن ئىماملاردىن ئەيتاۋۇر سۇفيان
ئىبنى ئۇيەينە «كىشى سۈننەتنى بىلمىگۈچە ئادەم سانالماس» دېگەن. (ئىمام ئىبنى
جەۋزى:سىفاتۇس سەفۋا) بۇ ۋەجىدىن، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيمىز، شۇ ئارقىلىق سۈرە فۇرقاندا بايان قىلىنغان «ۋاي ئېسىت! (دۇنيادىكى چېغىمدا) پەيغەمبەرنىڭ يولى بولغان نىجاتلىق يولىنى تۇتسامچۇ!» دەپ نادامەت چېكىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماستىن سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش ئاللاھ قۇرئاندا بايان قىلىنغان تەقۋادارلىق يولىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، جەننەت ئەھلى دەل رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي باشتۇڭلۇق قىلماي ياشىغان مۆمىن مۇسۇلمانلاردۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ
قولىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەر قانداق ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تاماقتىن كېيىن
قول كۆتۈرۈشنى تەشۋىق قىلغان مۇسۇلمانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىدىكى
توققۇز مىڭ ۋاخ تامىقىدا بىر قېتىممۇ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا
سەھىھ خەۋەر كەلمىگەنلىكى بىلەن رەددىيە بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسنىڭ
رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قارشى شەيتانىي تەشەببۇس ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
تەۋپىق
ئاللاھتىن. ئاللاھ ھەممىمىزنى سۈننەت يولىدا مۇستەھكەم قىلغاي.
Yorumlar
Yorum Gönder