Kayıtlar

نىكاھ ۋە تالاق etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

ئايالى نامازغا ھۇرۇنلۇق قىلسا تالاق قىلىۋېتەمدۇ؟

ئانامنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئايالىمنى قويىۋېتىمەنمۇ؟

مەھر ھەققىنى تويدىن كېيىن بېرىش دۇرۇس

باشقىلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىز-ئاياللارغا ئەلچى ئەۋەتىش ھارام

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «ئەلكافىي» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنىي» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار ئىجمائقا كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى، ئاتا-ئانا ئاجراشسا، بالا تاكى ئەقىل يېشىغا كەلگۈچە بالىنى بېقىش ھوقۇقىغا ئانا بەكراق ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بالىلار بۇ باسقۇچتا پەقەت ئانىلا بېرەلەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بولىدۇ. بىراق، ئايال باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، بالا بىلەن ئۆگەي ئاتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا بەكراق ھەقلىقلىقى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئىمام ئىبنى مۇنزىر ـــ ئايال كىشىنىڭ باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، ئايال كىشىنىڭ بالىنى بېقىشتىكى ھوقۇقى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق ئىجمائ بار، دېگەن. (ئىبنى ئابۇلبەر «ئەلكافى» 1-296؛ «ئەلمۇغنى»8\194) ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسە...

سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق ۋە بىدئەت تالاقنىڭ ئېنىقلىمىسى

سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق ۋە بىدئەت تالاقنىڭ ئېنىقلىمىسى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 5940 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى 2 – سوئال: سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق بىلەن بىدئەت تالاقنىڭ ئىسلامدىكى ئېنىقلىمىسى نېمە؟