پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ ناماز باشلىغىنىنى كۆردۈم. (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ) تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدى كۆتۈردى. تەكبىر ئوقۇپ رۇكۇ قىلغاندا ۋە ‹سەمىئ ئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ› دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوخشاشلا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە ‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد› دەيتتى. بىراق، سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى.» (بۇ ھەدىسنى يەتتە مۇھەددىس توپلىغان: ئىمام ئەھمەد، بۇخارى 738-نومۇرلۇق ھەدىس، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، نەسائىي؛ بۇ ھەدىس يىگىرمە يەتتە ساھابىدىن مۇتىۋاتىر ھالدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ھېسابلىنىدۇ) ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇل بارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن : ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسكە قويغان ماۋزۇغا نەزەر سالغىنىمىزدا قوللار ئىككى مۈرە باراۋىرىدە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، دېگەن كۆز قاراشنى ناھايىتى كەسىن شەكىلدە تىلغا ئالمىغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى، ئىمام بۇخارى بابلارغا ماۋزۇ قويغاندا قوللىنىدىغان مېتودى ئىختىلاپ...