سۈرە دۇخاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىس زەئىپ
سۈرە
دۇخاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىس زەئىپ
سوئال: «كىمكى
كېچىسى سۈرە دۇخاننى ئوقۇسا، تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتمىش مىڭ پەرىشتە
مەغفىرەت تىلەيدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟
سەئۇدىي
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9893-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: بۇ ھەدىسنى
ئىمام تىرمىزى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس زەئىپ
دەپ باھالانغان. ئىمام جالالىدىن سۇيۇتى «جامىئۇس سەغىر» ناملىق ئەسىرىدە بۇ
ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. ئىمام ئىبنى جەۋزىمۇ بۇ ھەدىسنى «ئەلمەۋدۇئات»(يالغان
ھەدىسلەر) ناملىق ھەدىس توپلىمىدا بايان قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئۇمەر ئىبنى
راشىد ئىبنى شەجەرە بار. بۇ راۋىينى ئىمام ئەھمەد، يەھيا ئىبنى مەئى، ئەبۇ داۋۇد
ۋە باشقا مۇھەددىسلەر زەئىپ راۋى دەپ باھالىغان. (شۇ ۋەجىدىن بۇ ھەدىس توغرا
ئەمەس. ئاخشام-كېچىلەردە مەيلى سۈرە دۇخان، ياكى باشقا ھەر قانداق سۈرىنى ئوقۇش
دۇرۇس. ئەمما، يۇقارقى زەئىپ ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ئوقۇش توغرا
ئەمەس. چۈنكى، ھەدىس زەئىپ، زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ.)
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر. دۇرۇتۇ ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ
زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا بولسۇن.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە بىن باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي،
ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.
زەئىپ ھەدىسكە
ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
شەيخۇل
ئىسلام، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل
قىلىش دۇرۇس ئەمەس (چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ياكى
ساھابىلەرنىڭ سۆزلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىك مۇمكىنچىلىكى
بار). ئەھلى سۈننە ئىماملىرىدىن ھېچكىم پەرز-ۋاجىپ
ياكى مۇستەھەپ ئىشلارنى زەئىپ ھەدىسكە ئاساسەن قىلىش توغرا، دېگەن ئەمەس. كىمكى، زەئىپ
ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىدۇكى دېسە ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا قارشى چىققان بولىدۇ. كىشىلەرنى
رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سەنەدىدە كاززاپلار بولمىغان ھەدىسلەرنى
مۇنۇ شەرت بىلەن رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ: يەنى شۇ رىۋايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان
ياكى رىغبەتلەندۈرۈلگەن ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ياكى
رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى بىلىنگەن بولۇشى كېرەك. (ئىبنى تەيمىييە پەتىۋالىرى توپلىمى
1\ 250)
ئىمام ئىبنى
ئەرەبىي مالىكى مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا - مەيلى ئۇ مەلۇم تەقۋالىق
ئەمىلىگە رىغبەتلەندۈرگەن بولسۇن- زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىش دۇرۇس ئەمەس. (تەدرىب
ئەل راۋى، 1\252) ئىبنى ئەرەبىنىڭ بۇ قارىشىنى مۇھەددىس ئەلبانىمۇ كۈچلەندۈرگەن.
(سەھىھ تەرغىب ۋەل تەرھىب، 1\47-67) - ئىسلام سوئال جاۋابلىرىنىڭ 44877 -پەتىۋاسىنىڭ
بىر قىسىمى
Yorumlar
Yorum Gönder