ئايالىنى زىنا بىلەن تۆھمەت قىلغان ئەرنىڭ ھۆكمى


«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: توي كېچىسى قاننى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئايالىدا بۇنداق بىر يامانلىقنىڭ زىنھار بولمىغانلىقىغا قارىماي، ئايالىغا زىناخورلۇق بىلەن تۆھمەت قىلغان ئەرنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مۆھتىرەم شەيخ (ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز) جانابلىرىنىڭ كۆز-قارىشىنى بىلىش ئارزيۇم بار. ئايال ئېرىنىڭ سۆزلىرى ۋە شىكايەتلىرى سەۋەبلىك ئازاب ئىچىدە ياشىماقتا. ئايال ئۇ ئەردىن ئاجرىشىپ كەتسە بولامدۇ؟ ئۇ ئايالغا قانداق تەۋسىيەلىرى بار.

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستاز، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى؛ ھ 1420؛ م 1999)

  جاۋاب: ئەگەر بىر ئەر ئايالىغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىسا، ئايال شەرئىي مەھكىمىدىن ئېرىنىڭ سەكسەن دەررە ئۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئايال شەرئىي مەھكىمىدىن ئۆزىگە زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ئەرنىڭ سەكسەن دەررە ئۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، ئايال ئۇ ئەرنى ئەپۇ قىلسا، ئەر ھىدايەتكە قايتسا ۋە يامان سۆز قىلىشنى تەرك قىلسا، بۇ ھالەتتە، ئۇ ئەر سەكسەن دەررە ئۇرۇلۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەكسى تەقدىردە، ئايال ئۇنىڭ سەكسەن دەررە ئۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، ئەر كىشى ئايالىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى تۆت تەقۋادار گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىسا، ياكى شەرئىي مەھكىمىدە ئايالى بىلەن لەنەتلەشسە، بۇنداق ئەرگە دەررە ئۇرۇلمايدۇ. ئەگەر، ئايال ئۆزىنى زىنا بىلەن تۆھمەت قىلغان ئېرى بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنىڭدا ھېچبىر چەكلىمە يوق. ئەگەر، ئەر ئايالنى ئەيىپلەپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىپ، قارىلىسا، ئايال ئۇنىڭغا بىر مىقدار پۇل بېرىپ بولسىمۇ، تالىقىنى (ئاجرىشىشنى) تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئەرنىڭ كۈلپىتىن قۇتۇلۇپ راھەتكە چىقىدۇ. (بىن باز پەتىۋالىرى 22-جىلد، 403-بەت)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى