ئىلىم تارقىتىشنىڭ پەزىلىتى




ئىلىم تارقىتىشنىڭ پەزىلىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ فىسبۇك ۋە ۋاتساپ توپلىرىدا ئىسلامىي ماقالە پەتىۋالارنى ھەمبەھىرلەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئەسكەرتىمەن. ھەدىستە «ئىشلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكى ئاز بولسىمۇ، ئىگىسى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرغىنىدۇر» دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە «مەندىن بىر ھەدىس ئاڭلاپ ئۇنى باشقىلارغا ئۆز پېتى يەتكۈزگۈچىنى يۈزىنى ئاللاھ تائالا نۇرلادۇرىۋەتسۇن(يەنى بەخىتلىك قىلىۋەتسۇن)» دېيىلگەن. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: پەقەت مۇناپىقلا ساۋابقا ئېرىشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ دېگەن. بىز ساۋابىمىزنىڭ كۆپىيىپ، قىيامەت كۈنى تارازىدا ياخشى ئەمەللىرىمىزنىڭ ئېغىر ئولتۇرۇشىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولغاندىكىن، ئىلىم تارقىتىشتەك ئەڭ ئۈستۈن ئەمەلگە سەل قارىساق بەكلا نادانلىق قىلغان بولىمىز. تابىئىن ئىمام ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەرلىكتىن قالسا، ئىلىم تارقىتىشتىنمۇ پەزىلەتلىك بىرەر ئەمەلنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن.»(بۇنى ئىمام ئىبنى جەۋسى سىفاتۇس سەفۋا ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان) ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«ياخشىلىققا ياردەملىشىڭلار.» ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلسا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار.»(بۇخارى) بۇ ھەدىس قۇربىت يەتكەنلىكى كىشىنىڭ ئىلىمنى تارقىتىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، سەلەف ۋە سەلەفىي ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ھەممە مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەين ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئىلىم تارقىتىش ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئەڭ شەرەپلىك چوققىسىدۇر. مۇشۇ تەشۋىقاتىم بىلەن قوشۇپ يوللىنۋاتقان ھەدىس ۋە پەتىۋالارنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭلار. سىلەر يەتكۈزگەن شۇ ھەدىس، پەتىۋالارنى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشى سەۋەبلىك، بىلگەن ۋە ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ساۋابى سىلەرگە توختاۋسىز يېزىلىپ تۇرىدۇ. ساۋابنى كۆپەيتىشتە ئىلىم ئۆگىنىش ۋە تارقىتىشتىنمۇ ئەۋزەل بىر ئىبادەتنى تاپالمايسىلەر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى