سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 18444-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

(ساھابە، تابىئىن، ئىزباسار تابىئىن ۋە باشقا بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىغا (بىردەك ئىتتىپاقىغا) ئاساسەن، پاك سۈننەت شەرىئەتنىڭ ئىككى ھۆكۈم ئېلىش ئاساسىدىن بىرىدۇر. سۈننەت قۇرئاننى شەرھلەيدۇ. سۈننەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنىنى ئىنكار قىلغۇچى – ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پىرىنسىپىدىن بىرنى ئىنكار قىلغانلىقى (قۇرئاندىكى ۋە سۈننەتتىكى پەيغەمبەرگە ئەگىشىش، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش، پەيغەمبەرنى ئۈلگە تۇتۇشتىن ئىبارەت يۈزلىگەن ئايەتلەرگە تانغالىقى) ئۈچۈن- كاپىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرس ئېلىڭلار. سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە يېنىڭلار.»(59:7) ئاللاھ قۇرئاندا يەنە مۇنداق دېگەن:«(ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا نازىل قىلىنغاننى ئوچۇق شەرھلەپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا يەنە زىكىرنى نازىل قىلدۇق.» (16:44)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. دۇرۇت سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، سالىھ ئەلفەۋزان، بەكرى ئەبۇ زەيد.

مۇناسىۋەتلىك تېما:

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى