رەسۇلۇللاھ غەيىپنى بىلەمدۇ؟



سوئال: مائارىج ئەل قابۇل دېگەن ئاپتور ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇسۇلماندارچىلىقى يوقلارنىڭ ئەقىدىسىنى تىلغا ئېلىپ «بىز ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئۆزىمىزگە گۇۋاھچى قىلىمىز» دېگەن. بۇ گەپتە خاتالىق بارمۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 19446-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
جاۋاب: ئاللاھ ئاپتورنى مەغفىرەت قىلغاي ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغايكى، ئۇ بۇ گەپتە خاتا كەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ زاتنى گۇۋاھچى قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەيىبنى بىلمەيدۇ. شۇنداقلا، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈممىتىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن بولغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىغا تۆۋەندىكى ھەدىس دەلىل بولىدۇ.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(يذاد أناس من أصحابي عن حوضي يوم القيامة، فأقول: أصحابي. فيقال: إنك لا تدري ما أحدثوا بعدك)«(قىيامەت كۈنى) بىر گۇرۇپ ھەمراھلىرىم ھەۋزى كۆلۈمدىن ھەيدىلىدۇ. مەن ‹ئۇلار مېنىڭ ساھابىلىرىم ئىدى› دەيمەن. ماڭا ‹ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن› دېيىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، بۇخارى، مۇسلىم 1796؛ ئەبۇ يەئلا، ئىبنى ئەبۇ ئاسىم، ئەجۇرىي قاتارلىق ئىماملار توپلىغان.)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛ بەكر ئەبۇ زەيد.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى