يىراقتىكى كىشىگە قول ئىشارىتى بىلەن سالام بېرىش توغرىمۇ؟
پەتىۋا
كومېتىتىنىڭ 3932-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال:
ئاللاھ بىزەگە تىرانسىپورت نېئمىتىنى ئاتا قىلدى، ماشىنا شۇنىڭ ئىچىدە. كىشىلەر
ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان ھالدا بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. مەن ماشىنىدىكى
ھالەتتە باشقا ماشىنىلىق تونۇشۇمغا سالام بېرىپ قولۇمدا ئىشارەت قىلىمەن. بىراق،
بەزىلەر بۇنداق سامال بەرگىنىمدە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. قولۇمنى كۆتۈرۈپ سالام
بېرىشىم گۇناھمۇ؟ بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھازىرغىچە بىر نەرسە بىلمەيمەن.
جاۋاب:
ئېيتقىنىڭىزدەك، قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىش ئارقىلىق سالام بېرىشتە ھېچبىر
چەكلىمە يوق. بۇنىڭ دەلىلى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللارغا سالام بېرىپ، قولى بىلەن ئىشارەت قىلغانلىقى
رىۋايەت قىلىنغان.»(بۇ ھەدىسنى ئەسما بىنتى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن
ئىمام ئەھمەد، بۇخارى (ئەدەب ئەلمۇفرەدتە 1047)، تىرمىزى 2697، تەبرانى قاتارلىق
مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان.) رەسۇلۇللاھنىڭ سالام قىلغاندا قولى بىلەن ئىشارەت
قىلىشىدىكى سەۋەبى – ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر – ئۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە سالام
قىلىنىۋاتقىنىنى بايقىشى ئۈچۈندۇر. بىراق، (ئەسسالامۇ ئەلەيكە\ئەلەيكۇم) دېگەن
سالامنىڭ ئورنىغا، پەقەتلا قول ئىشارىتى قىلىپ قويۇش توغرا ئەمەس (قول ئىشارىتى
سالامغا جۆرە بولىدۇ).
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار:ئەللامە ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى
غەديان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
Yorumlar
Yorum Gönder