ئاياللارغا جىھاد پەرىزمۇ
ئاياللارنىڭ
جىھادقا قاتنىشىش پەرز ئەمەسلىكى، شۇنداقلا جىھادقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىپ
قالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا جىھادقا قاتنىششىنىڭ يامان كۆرىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمان
قوشۇنىغا ئار-نومۇس، دۈشمەنگە جاسارەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە ئەسىرگە چۈشۈپ
قېلىپ، نومۇسى دەپسەندە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدا
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: (عن
عائشةَ قالتْ يا رسولَ اللهِ هل على النساءِ
جهادٌ
قال جهادٌ لا قتالَ فيه الحجُّ والعُمرةُ)
مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياللار جىھادقا قاتنىشامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئاياللارغا ئۇرۇشسىز جىھاد بار. ئۇ بولسىمۇ-ھەج
بىلەن ئۇمرەدۇر»دېدى. (ئەلبانى سەھىھ تەرغىپ-1099 تا سەھىھ دېگەن؛
ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىل-981 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرام-382
دە نەقىل قىلىپ ‹بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا بار› دېگەن؛ ئىبنى مۇلەققىن بۇخارى
شەرھى-11\39-دا ئىسنادى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە-2362 دە سەھىھ
دېگەن؛ ئىمام ئىبنى قەييىم تەزھىب ئەسسۇنەن-5\249 دا سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ
شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن)
تارىختا ئۆتكەن ئىسلام ئالىملىرى ئاياللارنىڭ
جىھادقا قاتنىشىشىنى يامان كۆرگەن. ئىمام سەرخەسى شەرھ ئەسسىيار ئەلكەبىر ناملىق
ئەسىرىنىڭ 1-جىلد، 184-بېتىدە مۇنداق دېگەن: بىز ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىنى
يامان كۆرىمىز. ئاياللار جىھادقا قاتنىشىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغۇدەك جىسمانىي
كۈچكە ئىگە ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جەڭ مەيدانىدا ئايال
كىشىنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ «بۇ جەڭچى ئەمەس ئىدى» دېگەن. مۇسۇلمان ئايال جىھادقا
قاتناشسا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېنىقلا ئېچىلىپ قالىدۇ ۋە مۇشرىك كاپىرلار بۇنىڭدىن
ھوزۇر ئالىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلار سېپىدە ئايال جەڭچىلەرنى كۆرگەن مۇشرىكلار ‹ئۇلارنىڭ
ئاياللارنى بىزگە قارىشى سېلىشقا مەجبۇر ئىكەن، مۇسۇلمانلار بۇ دەرىجىدە ئاجىز
ئىكەن› دەپ ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش جاسارىتى ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىش ئىشەنچى
كۈچىيىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشى توسۇلۇشى كېرەك. بۇ ۋەجىدىن
ئاياللارنىڭ بىۋاسىتە جەڭگە قاتىشىشىنى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. بىراق،
مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا تاللىشى بولمىسا، شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، بۇ
چاغدا ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشى دۇرۇس بولىدۇ. (شەرھ ئەسسىيار ئەلكەبىر
ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-جىلد، 184-بېتىگە قاراڭ)
كەشفۇل قىنا ناملىق فىقھى ئەسەردە مۇنداق
دېيىلگەن:«ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشى ئەرلەرگە
نىسبەتەن جەلب قىلىش، پىتنە مەنبەلىرىدىن بىرى. شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ جىسمانىيىتى
ئاجىز، يۈرەكسىز بولغانلىقتىن جىھاد قىلىشقا لايىق كەلمەيدۇ. ھەمدە، كاپىرلارنىڭ
مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەسىرگە ئېلىۋالماسلىقىغا، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى (يەنى
باسقۇنچىلىقنى) قىلماسلىقىغا ھېچقانداق كاپالىتىمىز يوق.»(كەشفۇل قىنا 3\26)
Yorumlar
Yorum Gönder