«كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن ھەدىس سەھىھىمۇ؟

«كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن ھەدىس سەھىھىمۇ؟

  سوئال: «بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بۇ نەپسى بىلەن قىلىنغان جىھادنى كۆرسىتەمدۇ؟

ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 127009-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر.
(كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق) دېگەن بۇ ھەدىسنى بەيھەقى زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى ھافىز ئەل ئىراقىنىڭ «ئىھيانىڭ ھەدىسىنى تەھقىقلاش» ناملىق كىتابىدا بايان قىلغان.  ئىمام ئەجلۇنىي ھەم ئۇنى «كەشفۇلخەفا» ناملىق كىتابىدا نەقىل قىلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر(رەھىمەھۇللا):«بۇ ئىبراھىم ئبنى ئەبۇ ئابلەنىڭ سۆزىدۇر، ھەدىس ئەمەس» دېگەن.
 بۇنى يەنە ئاجلۇنىي ھافىز ئىراقىدىن «كەشفۇل خەفا» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان. بۇ ئەل-ئەجلۇنىينىڭ خۇلاسىسىدۇر.
بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
ئۇلار’چوڭ جىھاد نېمە‘دەپ سورىدى. ئۇ’قەلب جىھادى‘دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ھەدىسنى ئەل خاتىب ئەل بەغدادى مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
ـــ بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق.
ـــ چوڭ جىھاد قايسى؟
ـــ بەندىنىڭ نەپسى خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىشىدۇر. ئۇ ئىككىلىسى (ئەل-ئەجلۇنىي ۋە خاتىب) بۇنى جابىردىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.  «كەشفۇلخەفا»دا ھەم مۇشۇنداق خاتىرلەنگەن.  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللا «پەتىۋا توپلىمى» ناملىق ئەسىرىدە:« (بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق) مۇشۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ گەپ تەبۇك غازىتىدا بولغان دېيىشىنىڭ قەتئىي ئاساسى يوق . ھېچقانداق بىر ئاتاقلىق ئەھلى ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن بۇنداق بىر نەرسىنى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان.» (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 26\381)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى