ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى
ئايال
كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ئايروپىلاندا سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال:
قىرىق ياشتىكى بىر تۇل خوتۇن، مەھرەمسىز ھالدا مەدىنە مۇنەۋۋەردە ياشىماقتا. بۇ
ئايالنىڭ ئەڭ چوڭى ئون ئالتە ياشتا (قالغانلىرى ئۇنىڭدىن كىچىك) بولغان ئوغۇللىرى
دادىسى بىلەن باشقا شەھەردە ياشىماقتا. بۇ ئايال رامزاندا ئۇمرە ھەجى ئۈچۈن بىر
گۇرۇپپا بىلەن مەككە مۇكەررەمگە باردى. بۇ گۇرۇپتا ئاياللار ئايرىم بىر ئەترەتكە
ئايرىلغان. ئايال ھەرەمگىچە ئېلىپ كېلىندى. ئۇمرە تۈگىگەندىن كېيىن ئايال باشقا بىر
ئەترەت بىلەن مەككە مۇكەررەمنىڭ سىرتىدىكى مەركىزىي يىغىلىش زالىغا باردى. ئۇ
يەردىن باشقا بىر گۇرۇپ بىلەن مەدىنىگە باردى. بۇ ياشتا بۇ خىلدىكى سەپەرلەرگە
مەھرەمسىز چىقىش بىلەن بۇ ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟
پەتىۋا
بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز
رەھىمەھۇللاھ 0ۋاپاتى: ھ-1420؛ م-1999)
جاۋاب:
ئەھۋال بايان قىلىنىغىنىدەك بولسا، بۇ ئايالنىڭ سەپىرى ھارامدۇر. بۇ ئايال
ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك. تەۋبە دېگەن، قىلغان يامان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ،
يامان ئىش قىلماسلىقققا سەمىمىي نىيەت بىلەن بەل باغلاش شەرتى بىلەن بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (مەھرەمسىز ئايالنىڭ سەپەر قىلىشىنى
چەكلەپ) مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى يېنىدا مەھرىمى
بولماستىن سەپەرگە چىقمىسۇن.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ
تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{پەيغەمبەر سىلەرگە
نېمىنى بەرسە شۇنى ئېلىڭلار، سىلەرگە نېمىنى چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار. ئاللاھقا
قارشى قوپۇشتىن ساقلىنىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئازابى دەھشەتلىكتۇر.}
(ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت) [ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 16-جىلد، 385-بەت]
Yorumlar
Yorum Gönder