تاھارەتسىز ھالدا ۋە جۇنۇپ ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
سوئال: تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ پاك
بولغۇچىلار كىم؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، پازىل
ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى 1420\1999)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئاننى تۇتماستىن
ياكى يادا ھالەتتە ئوقۇشى دۇرۇس. بىراق، تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئاننى تۇتۇپ تۇرۇپ
قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس.
پاك بولغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى
ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغالاردۇر:«ئۇنى پەقەت پاك بولغۇچىلارلا تۇتىدۇ.»(سۈرە
ۋاقىئە،79) بەزى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە ئايەتتىكى پاك بولغۇچىلار چوڭ ۋە كىچىك
ناپاكلىقلاردىن (يەنى جۇنۇبلۇقتىن، ھەيزدارلىقتىن، نىپاسدارلىقتىن ياكى
تاھارەتسىزلىكتىن) پاك بولغان كىشىلەرنى كۆرىسىتىدۇ. سەھىھ بولغان كۆز قاراشقا
كۆرە، ئايەتتىكى پاك بولغانلار پەرىشتىلەردۇر.
ئالىملارنىڭ
كۆپچىلىكى تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشىنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ كۆز
قاراشتىكىلەرنىڭ ئارىسىدا تۆت ئىمام (ئىمام ئەھمەد، ئىمام مالىك، ئىمام شافىي،
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە)مۇ بار. بۇنداق بولۇشى، ئەمر ئىبنى ھەزمدىن كەلگەن ھەدىستە
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇندا دېگەن:«قۇرئاننى پاك
ھالەتتىكىلەردىن باشقىلار تۇتمىسۇن.»(ۋەتتائ مالىك 468-نومۇرلۇق ھەدىس) بۇ
ھەدىسنىڭ سەنەدى ياخشىدۇر. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار مۇتەسسەل ۋە مۇرسەل
ھالدا رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەقتىكى بىر مۇنچە ھەدىس رىۋايەت يوللىرى بۇ ھەدىسنىڭ
سەھىھلىكىگە دەلىل بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى
بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق (يەنى تاھارەتسىز قۇرئان تۇتۇشقا بولمايدۇ دەپ) پەتىۋا
بېرىشكەن.(بىن باز پەتىۋا توپلىمى 29\65)
بىراق، جۇنۇب ھالەتتىكى كىشىنىڭ قۇرئاننى يادقا
ھالەتتىمۇ، ياكى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپمۇ ئوقۇشىغا بولمايدۇ. جۇنۇبنىڭ قۇرئان
ئوقۇشىغا بولماسلىقىغا ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى
ھەدىس دەلىلدۇر:(أخرجه ابن
ماجه في كتاب الطهارة وسننها ، باب ما جاء في قراءة القرآن على غير طهارة برقم 594
. كان النبي صلى الله عليه وسلم لا يحجزه شيء عن
القرآن سوى الجنابة.)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن باشقا
ئىش قۇرئان (ئوقۇش) تىن چەكلەپ قويمايتتى.»(ئىبنى ماجە 594) [بىن باز
پەتىۋالىرى توپلىمى،29\64]
Yorumlar
Yorum Gönder