ئىسلامىي تور بېكەت قۇرۇپ دەئۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش «سەدىقە جارىيە»(مەڭگۈ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقە) تۈرىدىن ھېسابلىنامدۇ؟


ئىسلامىي تور بېكەت قۇرۇپ دەئۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش «سەدىقە جارىيە»(مەڭگۈ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقە)  ھېسابلىنامدۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى پەتىۋا تور بېتىنىڭ 229491-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتت)

ئىسلامىي تور بەت قۇرۇش، فېيسبۇكتا ئىسلامىي دەئۋەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش، يۇتيۇبتا ئىسلامىي ۋىدىيو قانىلى ئېچىش، باشقىلار تارقاتقان ئىسلامىي بىلىملەرنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىش قاتارلىق ئىشلار سەدىقە جارىيە (ساۋابى مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان سەدىقە) جۈملىسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب:
بارچە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ئېنتېرنېتتا ئىسلامىي دەئۋەت ۋە ئىسلامىي مائارىپقا ئالاقىدار تور بەتلەرنى قۇرۇش (ساغلام ئىسلامىي يۇتيۇب قانىلى ئېچىش، فىيسبۇكتا ئىسلامىي دەئۋەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش) قاتارلىق ئىشلار پايدىلىق ئىلىمنى تارقىتىش جۈملىسىدىن. شۇنداقلا، ئىنتېرنېتتا ئىسلامىي بىلىملەرنى تارقىتىش كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىش ھېسابلىنىدۇ.
ئىلىم تارقىتىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش سەدىقە جارىيە (ساۋابى مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان سەدىقە) جۈملىسىدىن ھېسابلانمىسىمۇ، بۇلار ئېنىقلا كىشىنى كاتتا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشتۈرىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېيتقىنىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلامىي تور بەت قۇرۇشنىڭ ساۋابى بەندە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يېزىلىپ تۇرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرى توختايدۇ. ئەمما، مۇنۇ ئۈچ ھالەت بۇنىڭدىن مۇستەسنا: سەدىقە جارىيە (ساۋابى توختاپ قالمايدىغان سەدىقە)، پايدىلىق ئىلىم، ياكى ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت.»(مۇسلىم 1631)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىن بەندە ۋاپات بولغاندا تەقدىردىمۇ، ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدىغان ئىشلار مۇنۇلار: ئۇ ئۆگىنىپ، ئاندىن تارقاتقان شەرئىي ئىلىم، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن سالىھ پەرزەنت، سەدىقە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن قۇرئان، سېلىپ قويغان مەسجىد، جىھاد ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئات، قازغان قانال (قۇدۇق، كۆل)، ساغلام چاغدا قىلغان سەدىقە. بۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى مۆمىن بەندە ۋاپات بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ.» (ئىبنى ماجە242؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن)
ئىمام سانئانىي مۇنداق دېگەن:
ئىلام تارقىتىش دېگەن ئىلىم ئۆگىتىش، ساغلام ئىسلامىي كىتابلارنى يېزىش، كۆپەيتىپ تارقىتىش، تەھرىرلەش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىغا شەرھ يېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەتتەنۋىر شەرھ جامىئۇس سەغىر 2\274)
(مەۋلۇت، ئۆلۈككە نەزىر بېرىش، ئىسلامغا دېموكراتىيەنى قوشۇۋېلىش، سوپى ئىشانلارنى كۈيلەش، قۇرئانچىلارنى قوللاش، سۈننەتنى چەتكە قېقىش، ھەدىستىن قۇسۇر ئىزدەش، ئىسلام ئالىملىرىنى پەس كۆرۈش، مەزھەپپەرەسلىك، خۇراپاتلىق، بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق ھارام ۋە بىدئەتكە چاقىرىدىغان نەرسىلەرنى يېزىش، تارقىتىش، باستۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھارام ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭ ۋابالى قىلغۇچىغا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يېتىپ تۇرىدۇ.)
پايدىلىق ئىلىملەر بولغان كىتابلارنى يازغان، ياكى ئۇنى نەشىر قىلدۇرغان، تارقاتقان كىشىلەر ئىلىم تارقاتقۇچى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، قولىغا كەلگەننى تارقاتقان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان كىشىلەرمۇ بۇ تۈرگە كىرىدۇ. ھەقلىق تارقىتىلغان كىتابلار بولسىمۇ، نىيىتى خالىس بولغانلا تەقدىردە پايدىلىق ئىسلامىي ئىلىملەرنى تارقىتىش بۇ تۈرگە تەۋە. ۋەخپە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ساغلام ئىسلامىي ئەسەرلەرمۇ ئىلىم تارقىتىشقا تەئەللۇق. (سۇبۇلۇس سالام، 5\227)
ئەھلى سۈننە ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرى، دەرىسلىكلىرى قاتارلىقلار بولغان تور بەتلەرنى قۇرۇش ئىلىم تارقىتىش ئىبادىتىگە تەۋە ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تور بەتلەردىن پايدىلىق ئىلىم-ھىدايەتلەرنى ئۆگەنگەن، ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ساۋابى بۇ تور بەتلەرنى قۇرغانلارغا قوشۇلۇپ يېزىلىپ ماڭىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى باشقىلارنى ھىدايەتكە باشلىسا، ھىدايەت يولىغا ماڭغانلارغا بېرىلگەن ساۋاب ئۇنىڭغا تەڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ. بۇ ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمكى باشقىلارنى ئازغۇنلۇققا باشلىسا، شۇ ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى ئازغۇنلۇققا باشلىغۇچىغىمۇ تەڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ. بۇ ئازغۇنلۇققا ئەگەشكۈچىلەرگە يېزىلىدىغان گۇناھتىن ھېچنېمىنى كېمەيتمەيدۇ.»(مۇسلىم)
ساغلام ئىسلامىي تور بەتلەرنى قۇرغان مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كاتتا پەزىل مەرھەمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك. ئىسلامىي تور بەت، قاناللارنى قۇرغانلار چوقۇم ئاللاھنىڭ رىزالىقىنىلا كۆزلەپ، نىيىتىنى خالىس قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، بۇ ئىشنى قىلغۇچى چوقۇم ئۆزى تارقىتىپ كىشىلەرنى دەئۋەت قىلىۋاتقان ئىلىملەرنىڭ ھەر قانداق خۇراپاتتىن، بىدئەتتىن ۋە زالالەتتىن خالىي بولۇشىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئىمام نەۋەۋىي (پايدىلىق ئىلىم تارقاتقۇچى توغرىلىق) مۇنداق دېگەن:
ئۇ ئەڭ پايدىلىق ئىلىمنى تاللىشى كېرەك، ئاندىن شۇ پايدىلىق بىلىمگە تەئەللۇق ئەڭ پايدىلىق ئەسەرنى تاللىشى كېرەك. (سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى،11\85) (يەنى ھەدىسشۇناسلىق شېئىرىيەت ئىلىمىگە قارىغاندا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە پايدىلىق. دېمەك، ئەڭ پايدىلىقىنى تاللىنىدۇ. ئاندىن، شۇ ئەڭ پايدىلىق ئىلىم تۈرى ئىچىدىكى ئەڭ پايدىلىق، نوپۇزلۇق كىتاب تاللىنىدۇ ۋە شۇ باشتا تارقىتىلىدۇ. مەسىلەن، سەھىھۇل بۇخارى ھەدىس توپلاملىرىنىڭ شاھى. شۇنداقلىقىغا قارىماي، مىشكاتۇلمەسابىھنى تاللىۋېلىش ئەڭ پايدىلىقىنى تاشلاپ، پايدىسى ئۇنىڭدىن تۆۋەنراقنى تاللىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ.)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى