ئايال كىشى كۇفرى زىمىندىكى قىز ئوغۇللار ئارىلاشقان مۇھىتتا ئىلىم تەھسىل قىلسا بولامدۇ؟
ئايال كىشى
كۇفرى زىمىندىكى قىز ئوغۇللار ئارىلاشقان مۇھىتتا ئىلىم تەھسىل قىلسا بولامدۇ؟
ئىسلام
سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 110267-نومۇرلۇپ پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مۆھتەرەم شەيخ،
مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىلىم ئېلىش توغرىسىدا سوئال سورىماقچى. قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە
ئوقۇشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ ماڭا يولدىشىم بەش يىل ھەمراھ بولۇپ ئوقۇيدۇ ، مېنىڭ
تىل ئۆگىنىپ ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغۇم بار.
مەن كەڭرى كىيىنگەن ھالدا تولۇق ھىجاپلانغان، تالاغا چىققاندا نامەھرەملەرگە
سەپسالمايمەن، يەڭلىرىم يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇن بولۇپ، پەقەت بارماق ئۇچىلا كۆرىنىدۇ.
سىنىپتا قىزلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرىمەن ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئون
ئىككىدىن ئاشمايدۇ . زۆرۈر بولغاندا ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىمەن، ئۇلارغا
ئىسلامنى چۈشەندۈرىمەن، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دىننى تارقىتىمەن، بولۇپمۇ ئۇلار
مەندىن ھىجاپلىنىشىمنىڭ سىرىنى سورىغاندا (ھىجاب توغرىسىدا ياخشى چۈشەنچىلەرنى
بېرىمەن).
(قىز ئوغۇل ئارىلاش
ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا) سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن، مەن يات ئەللەردە بىر يىل تۆت ئايلىق ئوقۇشنى
تاماملىدىم، بۇ جەرياندا ئىزچىل مۇشۇ سوئالىمنىڭ ئىسلامدىكى پەتىۋاسىنى ئىزدىدىم،
چۈنكى مېنىڭ بىلىم ئالغۇم بار، ھەم سىلەر بەرگەن پەتىۋانىڭ مېنىڭ بىلىم ئېلىشىمغا
رۇخسەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھ سىلەرگە
ھىمايىچى بولسۇن ۋە قوغدىسۇن .
جاۋاب :
جىمى ھەمدۇسانالار
ئاللاھقا خاستۇر .
بىرىنچى:
ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ سەمىمىي
مۇئامىلىڭىزگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز . ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ دىنغا ئۇيغۇن بولۇشىنى
ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم مەيدانى بولۇشى كېرەك، ھەمدە بۇ خىل دىنىي
مەيدانىنى سودا سېتىق ، ساياھەت ياكى خىزمەت دېگەندەكلەرگە كىرىشىشتىن بۇرۇن تۇرزۇغۇشى
كېرەك. سەمىمىيلىك بىلەن شەرئىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، ھەر قانداق بىر ئىشنى
قىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشنىڭ دىننىي ھۆمىنى ئېنىقلاش كېرەك .
ئىككىنچى:
ئوقۇغۇچىلار ئىلىم
ئالغاندا قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ھالەتتە
بولۇشى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا نۇرغۇن گۇناھ-مەسىيەتلەر يۈز
بېرىدۇ؛ بىرەيلەن پەتىۋا كومېتىتى
ئالىملىرىدىن:« غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە مەكتەپلىرىدە پۈتۈنلەي قىز-ئوغۇللار
ئارىلاش بولغان تەلىم-تەربىيە تۈزۈمى مەۋجۇت، مۇسۇلمان قىزلار بۇنداق مۇھىتتا
بىلىم ئالسا بولامدۇ؟ غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ
دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىسىمۇ مۇسۇلمان
قىزلار ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ھىجابلىنىۋاتىدۇ . » دېگەن سوئالنى سورىدى
.
ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قىز-ئوغۇللارنىڭ
ئارىلاش ھالەتتە بىلىم ئېلىشى دىندا چەكلەنگەن ، بۇ ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى قىز ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇش بالاغا مۇپتىلا
قىلىدۇ ، گۇناھنىڭ يامراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئىززەت-نومۇس دەپسەندە
بولىدۇ . قىز ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ
كېتىشىنىڭ ئەخلاق بۇزۇلۇش ۋە گۇناھقا سەۋەب بولۇشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ چەكلىنىشىنىڭ ئەڭ
ئېنىق پاكىتى؛ يەنە كېلىپ كۇفرى زىمىندا
تېخىمۇ قاتتىق چەكلىنىشى كېرەك؛
قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە
بىلىم ئېلىشى دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ
ئالدىدا ئۆزۈر بولالمايدۇ ؛ ئۇ گۇناھ-مەسىيەت
ۋە بالا-قازالاردىن يىراق بولغان توغرا ئۇسۇلدا بىلىم ئالسا بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى تارقاتقان
ساغلام رادىئولارنى تىڭشاپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋە باشقا
قىز-ئاياللارنىڭ ئەرەپ پادىشاھلىقىنىڭ «قۇرئان» رادىئوسى، «نۇرۇن ئەلەددەرب»
پروگراممىسىنى ئاڭلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز،
بۇنىڭدىن چوقۇم كۆپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمىز.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.بىن.باز، شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.ئالشەيخ، شەيخ
سالىھ.فەۋزان، شەيخ بەكر.ئەبۇ.زەيىد .
«پەتىۋا كومېتىتى پەتىۋالىرى»(182،181/12)
پەتىۋا
كومېتىتى ئالىملىرى يەنە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
«مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار قىز-ئوغۇللار ئارىلاش بولغان سىنىپلاردا ئوقۇسا
بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن ئېغىر پىتنە-بالايى-ئاپەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭلاشقا قىز-ئوغۇللار ئايرىم بولغان جايلارنى
تېپىپ ئوقۇشى لازىم ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق دىنى ۋە ئىززەت-نومۇسىنى قوغداپ قالالايدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق
دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. » (سۈرە
تەلاق 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.بىن.باز ، شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.ئەل.شەيخى ، شەيخ سالىھ.فۇزانى
، شەيخ بەكر.ئەبۇ.زەيىد .
«دىننىي تەتقىقات دائىمىي كومىتېتىنىڭ پەتىۋالىرى»(173/12)
ئەگەر سىزنىڭ يولدىشىڭىز
ئوقۇشىڭىزغا قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئەر-ئايال ئورتاقلاشقان
جايدا ئوقۇشىڭىزغا ئۆزۈر بولالمايدۇ.
دىننىي تەتقىقات دائىمىي
كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
قىز-ئوغۇللارنىڭ مەكتەپ
قاتارلىق جايلاردا بىللە بىلىم ئېلىشى ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئىسلام
دىنىغا ۋە ھازىرقى دەۋرگە بولغان زىيىنى ساناپ تۈگەتكۈسىز، شۇڭلاشقا ئاياللار ئەر-ئايال ئارىلاش بولغان جايلاردا ئىشلىسە
ياكى ئوقۇسا بولمايدۇ. ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى
ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويسا بولمايدۇ .
شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.بىن.باز
، شەيخ ئابدۇل.ئەزىز.ئەل.شەيخى ، شەيخ سالىھ.فەۋزان، شەيخ بەكر.ئەبۇ.زەيىد.
«دىننىي تەتقىقات دائىمىي
كومىتېتىنىڭ پەتىۋالىرى»(156/12)
بۇ دەل سىز چۈشەنمەكچى
بولغان دىنىي ھۆكۈمدۇر ، سىز ئايال ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئائىلىدە ئىنگلىزتىلى ئۆگەنسىڭىز
بولىدۇ، ياكى ئۈنئالغۇ لېنتىسى ، سىنئالغۇ ۋە كىتابلار ئارقىلىق ئىنگلىزتىلى ئۆگەنسىڭىز
بولىدۇ ، بۇلارنى بازاردىن تېپىشمۇ ئاسان.
سىز توردىكى ئۇنۋېرسىتېت ياكى ئىنستىتۇتلارغا قاتناشسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇچۇر ئارقىلىق ياكى يولدىشىڭىزنىڭ ھەمراھلىقىدا
ئىمتىھانغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق
قىلغاندا سىزنىڭ (قىز ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇشتەك ھارام ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدىن يىراق
تۇرۇپ) تىل ئۆگىنىش ۋە دىپلومغا ئېلىش ئارزۇيىڭىز ئىشقا ئاشىدۇ، ھەمدە شەرىئەتكە
خىلاپ بولمايدۇ.
بىز سىزنىڭ ئاللاھ
رىزاسىغا ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمىز .
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر
!
Yorumlar
Yorum Gönder