ئازغۇن موللىلارنىڭ ستۇدېنتلارنى ئازدۇرۇشى
ئازغۇن
موللىلارنىڭ ستۇدېنتلارنى ئازدۇرۇشى
فېيسبۇكتىكى
«شېرىن بۇلاق» ئىسمىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسى
ۋەتەندە
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان چاغلىرىمىزدا بەزى دوست بۇرادەرلىرىمىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن
كېيىن نېمە ئىش قىلىش توغرىسىدا بېشى قېتىپ ئۆلىمالاردىنمۇ مەسلىھەت سورايتتۇق. تۆت
بەش يىل ئىلگىرىكى چاغلار مۇشۇ.
چەتئەلدە خېلى
جىق ئوقۇپ كەلگەن، ئىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى دەپ قارايدىغان ئۆلىما ئۇستازلىرىمىز
بىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشىمىزنىڭ
ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ مىللىتىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى، بىزگە ئوخشاش ئىمان ئېتىقادلىق
ياشلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارقىلىق مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلىشىمىز
كېرەك ئىكەنلىكى، باشقا ساھەلەردىمۇ خىزمەت ئورۇنلىرىنى دىنسىزلارغا تاشلاپ بەرمەسلىكىمىز
كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەيتتى. خىزمەت ئورۇنلىرىدا نامازلىرىمىزنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىقىمىز
مۇمكىنلىكىنى ئېيتساقمۇ، ئامال قىلىپ ئوقۇپ كەتكىلى بولىدىغانلىقى، بەزى چاغلاردا
جەمئىي قىلىپ ئوقۇشقىمۇ بولىدىغانلىقى، چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىك
زىيانغا چىداش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىسلامغا
پايدىلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى.
دېگەندەك، بەزى
يېقىن ئاغىينىلىرىمىز ۋە ساۋاقداشلىرىمىز ھەرخىل ئورۇنلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
مەكتەپتىكى
چاغلاردا ئىبادەتلەرنى قەتئىي قولدىن بەرمەيدىغان، تەقۋادارلىق قىلىشقا
تىرىشىدىغان بىر قىسىم تونۇشلىرىمىز ئوقۇتقۇچى بولدى، بىر قىسىملىرى كەنت كادىرى،
يېزا كادىرى بولدى. ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە بىرەر تۇنۇشىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىدىن
پايدىلىنىپ ئىسلام ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىغانلىقىنى كۆرمىدۇق ۋە ئاڭلىمىدۇق. كۆرگەن ۋە
ئاڭلىغانلىرىمىز
شۇنىڭدىن ئىبارەت:
بىر ئاغىينەم
مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى، يېرىم يىللىق تەربىيىلەشتىن
كېيىن ئىشقا چۈشۈپلا سىنىپ مەسئۇلى قىلىندى. بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش تۈگەپ يازلىق تەتىل
بولدى. تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپتىن ئۇلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا
تۇتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇيرۇقى چۈشتى. ھەتتا، شۇ ئاغىينەم ئائىلىلەرگە
بىرمۇ-بىر بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن بالىسىنى روزا تۇتقۇزماسلىق ھەققىدە
كاپالەتنامە ئېلىپ ئىمزا قويغۇزدى. دېمەك، ئىشقا چۈشۈپ ئۇزىمايلا ئېتىقادقا تۈپتىن
زىت ئىش بىلەن شوغۇللىنىشقا مەجبۇرىلاندى. ئاللاھقا شۈكرى، ئۇ ئاغىنەم ھەقىقىي
ئىمانىدا راستچىللاردىن بولغاچقا ئىككىلەنمەيلا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كەتتى.
كېيىنكى
يىللاردىراق ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئاغىينىمىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەلۇم يېزىغا ئىشقا چۈشتى.
ئۇ بالا مەكتەپتىكى چاغلاردا سۈننەت دەپ ھەتتا ساقالمۇ قويۇۋالغان، ھەر گەپ قىلسا
ئىنشائاللاھ بىلەن باشلايدىغان ئوبدان ئاغىينىمىز ئىدى. ئەمما خىزمەتكە چۈشۈپلا
ساقاللىرىنى پاكىزلىغىنىنى دىمىسەممۇ ئويلاپ بولىسىلەر. خىزمەت ئورنىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ
تەشەببۇسى بىلەن كومپارتىيەگە ئەزا بولۇپ ھوقۇق تۇتۇپ ئۆسۈش يولىغا قەدەم ئالدى. كېيىن
ئۈرۈمچىگە پارتىيە مەكتەپكە مەخسۇس تەربىيىلەشكە ئەۋەتىلدى. دىن ئۈچۈن خىزمەت
قىلىش بىر ياقتا قېلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداپ قېلىشمۇ بىر ياقتا قېلىپ، يېزىدىكى
پۇقرالارنىڭ دىنىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي خىزمەت قىلىدىغان
ھالەتكە كېلىپ قالدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۆلىما ئۇستازلىرىمىز ئۇنى خىزمەتكە
ئورۇنلىشىپ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن
خىزمەت قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئەپسۇس، ئەمدىلىكتە مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن
خىزمەت قىلماقتا.
مەكتەپتىكى
چاغدا ئوبدان ئورىنىپ يۈرىدىغان بىر قىز تۇنۇشىمىز دىنغا قارشى ئىشلار بولمايدۇ دەپ
قاراپ ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتى. باشتا كىيىنىشلىرىگىمۇ دېققەت
قىلغان ئاساستا ئىشلەۋەردى. بارا بارا بېسىم كۈچىيىپ ياغلىقلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر
بولدى، ئۇ قىز بۇ ئەھۋالغا چىداپ بولالماي خىزمەتتىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما،
باشتا خىزمەت قىلمىساڭ مەيلى دېگەن ئۆيىدىكىلەر ئەمدىلىكتە، بۇنداقلا خىزمەتتىن
چىقىپ كەتسەڭ كوچىدا گەپ پەيدا بولىدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىپ قويۇپ ئىشلەپ بولالماپتۇ،
ياكى بىرە چاتاق چىقىرىپ قويۇپ ھەيدىلىپ كېتىپتۇ، دېگەندەك گەپ تارقالسا يۈزىمىزنى
قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمىز؟ دەپ ئۇنىمىدى. كېيىن ۋەزىيەت بارا بارا چىڭىشقا
باشلىدى. پاچاقلىرىنىمۇ ئېچىۋېتىشكە، گىرىم قىلىپ يۈرۈشكە مەجبۇرلانغاندا بولسا،
خىزمەتتىن ئىستىپا سورىغانلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار، ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى يۇقتۇرىۋالغان،
دەپ قارىلىدىغان بولۇپ قالدى. مانا ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ دىنىنىمۇ قوغداپ قالالماي،
باشقىلارغىمۇ ياردەم قىلالماي، يېزىدا ئۆي ئۆيلەرگە كىرىپ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى
يەتكۈزۈپ يۈرمەكتە.
مەكتەپتىكى ۋاقىتتا
بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇپ يۈرگەن دوست بۇرادەر ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى نامازنى
تاشلاپ بولدى، ھەتتا بەزىلىرى ناماز ئوقۇغانلارنى تۇتۇپ سولاپ سوراققا تارتىپ يۈرىۋاتىدۇ.
بەزىلىرى ھەر جۈمە كۈنى مەسجىت دەرۋازىسىنى بېقىۋاتىدۇ. ئۇزۇن ئۇزۇن كىيىنىپ يۈرۈيدىغان
قىز ساۋاقداش تۇنۇشلىرىمىز بېشىدا نە ياغلىق ئۈستىدە نە ئۇزۇنراق كۆينەك بولسۇن؟ قېنىق
گىرىملەر بىلەن چېچىنى پاخپايتىۋېلىپ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆزىدەك بولۇشى كېرەكلىكى
ھەققىدە تەشۋىقات قىلماقتا.
يىغىنچاقلىغاندا،
مەكتەپتە تەقۋادار دەپ قارالغان ئاغىينىلىرىمىز ئىچىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت
قىلىۋاتقانلىرىدىن نە مىللەتكە نە دىنغا مەنپەئەت كېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، كۆپ
قىسمى مىللەتنىڭ ئاسسىلمىلاتسىيە بولۇشى ۋە دىننىڭ ئاجىزلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشماقتا.
ئەمما شۇ دەۋرلەردە
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن باشقا يوللار ئارقىلىق چىقىش يولى ئىزدىگەنلەر ھىچبولمىسا
ناماز روزىسىغا يۇشۇرۇن بولسىمۇ ئىگە بولۇپ، ئىسلامنىڭ مەبپەئەتى ئۈچۈن
ياشىيالمىسىمۇ، زىيان سالماي ياشىماكتا.
ئۆلىمالىرىمىزنىڭ
تەشۋىقاتى بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بەزىلەر ئىستىپا بەرسە تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپىدە
ياشاۋاتسا، خىزمەت قىلىشقا تەشۋىقات قىلغان بەزى ئۆلىمالىرىمىز تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ
چىققان ئەھۋاللارمۇ بولماقتا.
مۇشۇ
تىپتىكى پەتىۋانى بېرىدىغان ياكى نەسىھەتتە بولىدىغان ئالىملىرىمىز مۇشۇ چەتئەلدىمۇ
ھېلەھەممۇ باردەك تۇرىدۇ. « چوڭ زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىچىك زىياننى تاللاش» دېگەن
قائىدىنگە سېلىپلا پايدا زىياننىڭ باش ئاخىرىنى ئويلاشماي پەتىۋانى بېرىۋەرمەڭلار.
كىچىك زىياندىنمۇ قۇتۇلالماي چوڭ زىياننىمۇ تارتىپ قالىدىغان، قوش زىياندىن
باشقىغا ئېرىشەلمەيدىغان يولغا باشلاپ قويماڭلار.
Yorumlar
Yorum Gönder