ئاياللارنىڭ زىننەتلىك كىيىم بىلەن سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئاياللارنىڭ زىننەتلىك-پاسونلۇق كىيىم
بىلەن سىرتقا چىقىشىنى دۇرۇسمۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10432-نومۇرلۇق
پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى
تارتىدىغان زىننەتلىك كىيىملەر بىلەن سىرتقا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئەرلەر
زىننەتلىك كىيىم كىيگەن ئايال سەۋەبلىك پىتنىگە دۇچار بولىدۇ (يەنى، ئايالغا كۆزۈ
چۈشۈپ قالىدۇ، ياكى ئۇنىڭغا قاراپ كۆز زىناسى، قەلب زىناسى قىلىدۇ، ياكى شۇ
زىننەتلىك كىيىم ئايال كىشىنى جەلبكار كۆرسەتكەنلىكى تۈپەيلى ئىككىسى ئارىسىدا
خۇپىيانە ئۇچرىشىش ۋە باشقا ھاراملار يۈز بېرىدۇ). شۇنداقلا، دىنى خەۋپ-خەتەرگە
ئۇچرايدۇ. (شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار زىننەتلىك، پاسونلۇق كىيىملەر بىلەن سىرتلاردا
يۈرمىگەي.)
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ
ئۇستازى ئىبنى باز ؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ
ئىبنى قائۇد.
ئەسكەرتىش: بەزى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى
يېپىپ ھىجابلانغىنىغا قارىماي، بېشىغا ئۇچىسىدىكى رەڭدىكى كىيىمدىن باشقا رەڭدىكى
ئالاھىدە بىر رەختنى ئارتىۋېلىپ جەلبكارلىق ۋە مودىكەشلىك يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنى
بايقىدۇق. بۇ خىلدىكى ئاياللار نەچچە يۈز مېتىر نېرىدىنلا كىشىنىڭ كۆزىگە
چېلىقماقتا ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلماقتا. بۇنداق ئاياللار ئاللاھتىن
قورقۇپ تەقۋالىق لىباسىنى كىيگەي، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پىتنىگە سالمىغاي، بۇنداق
خوتۇنلارنىڭ ئەرلىرى ياكى مەھرەملىرى خوتۇنىنىڭ باشقىلارنى جەلب قىلىشىنى توسقاي.
Yorumlar
Yorum Gönder