«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر» دېگەن ھەدىس سەھىھ


سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر» دېگەن. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 11490-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: ئىمام تىرمىزى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان كۈتۈۋالىدۇ.»(تىرمىزى 1173؛ ئىبنى ھىببان، تەبرانىي، ئىبنى خۇزەيمە، بەززار، ئىبنى ئەدىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر توپلىغان) بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام سۇيۇتى «جامئۇس سەغىر» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىپ سەھىھ دېگەن.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. دۇرۇت سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى