باشقىلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىز-ئاياللارغا ئەلچى ئەۋەتىش ھارام
باشقىلار
ئەلچى ئەۋەتكەن قىز-ئاياللارغا ئەلچى ئەۋەتىش ھارام
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئابدۇللاھ
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر-بىرىڭلارنىڭ
سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار. دىنىي قېرىندىشىڭلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىزنىڭ
ئۈستىگە ئەلچى ئەۋەتمەڭلار. پەقەت، باشتا ئەلچى بولغان دىنىي قېرىندىشى ئۇنىڭ
(ئەلچى ئەۋەتىشىگە) رازىلىق بەرگەندىلا (ئەلچى ئەۋەتىشى) رۇخسەت.»(بۇخارى
5142؛ مۇسلىم1412؛ رىيازۇس سالىھىن 1780)
بۇ ھەدىسنى فەقىھ ئىبنى
ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرىھلىگەن: مۆمىن قېرىندىشى ئەلچى ئەۋەتكەن
خانىم-قىزغا ئەلچى ئەۋەتمەك ھارام. مەسىلەن، بۇ بىرىنىڭ پالانچىنىڭ قىزىغا ئەلچى
ئەۋەتكىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇ قىزغا خېرىدار بولۇش دېمەكتۇر. بىراق، باشتا ئەلچى
ئەۋەتكەن ئەر رۇخسەت قىلسا؛ مەسىلە، سەن ئۇ ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ «ئەي پالانچى! سېنىڭ
پالانچىغا ئەلچى كىرگۈزگىنىڭ ئاڭلىدىم! مەنمۇ ئۇنى خالايتتىم. مېنىڭمۇ قۇدا-باجا
بولۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەلچى بولۇپ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن» دېسەڭ، ئۇ ساڭا
«ماقۇل، بارساڭ بولىدۇ» دەپ رۇخسەت قىلسا، ئۇ ھالدا بۇ چەكلىمە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
شۇنداقلا، ئەلچى كىرگۈزگەن بولسىمۇ رەت قىلىنغان كىشى ئەلچى ئەۋەتكەن ئايالغا
ئەلچى ئەۋەتىش دۇرۇس. يەنى، بىرسى بىر قىزغا ئەلچى ئەۋەتتى، بىراق ئايال بۇ ئىشقا
رازى بولماي ئۇنى رەت قىلدى. بۇ چاغدا، قىزغا سەن ئەلچى ئەۋەتسەڭ بولىدۇ. چۈنكى،
ئۇ شەخسنىڭ بۇ چاغدا ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىغان بولىدۇ. بىرىنىڭ بىر
قىزغا ئەلچى ئەۋەتكىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەگەر قىزنىڭ ئۇنى رەت قىلغانلىقىغا
دائىر ئېنىق خەۋەرگە ئېرىشمىگەن بولساڭ، ئەلچى ئەۋەتىشىڭ ساڭا ھارامدۇر. چۈنكى،
بەلكىم قىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلار بولغۇيتتى، ئەمما سەن ئەلچى كىرگۈزگەچكە
قوبۇل قىلمىدى. بۇ ھالدا، باشتا ئەلچى ئەۋەتكەن ئەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشقا
سەۋەب بولىسەن، بۇنداق قىلىشىڭ دۇرۇس ئەمەس.(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىياسۇز
سالىھىن شەرھى»5\470)
Yorumlar
Yorum Gönder