تابىئىن ئىمام: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ
[163] سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر ئىبنى
خەتتاب
ئىمام ئىبنى
جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئانىسى چۆرە
ئىدى. كۇنيەسى ئەبۇ ئۇمەر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرزەنتلىرى
ئارىسىدا، دادىسىغا ھەممىدىن بەك ئوخشىغىنى سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىدى.
خەۋزە ئىبنى
ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئۈچۈن رەھمەت تىلىدى (راھمەت
سالدى)، سالىم ئۇنىڭغا «ئاللاھ ساڭا بىر ئاز رەھمەت قىلسۇن» دېدى. ئۇ سالىمغا «مېنىڭچە
سەن ناچار ئادەمسەن» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «بۇ سۆزۈڭدە بەك خاتالاشقۇچى ئەمەسسەن» دېدى.
مالىك مۇنداق
دەيدۇ: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ زامانىدا ئۆتكەنكى ياخشى كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرگە)
زۇھۇدتا، ئىبادەتتىكى سالماقلىقتا ۋە ھايات كەچۈرۈشتە ئۇنىڭدىن بەكراق ئوخشايدىغان
بىرى يوق ئىدى. ئىككى دىرھەملىك كىيىم كىيەتتى. خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك
ئۇنى ناھايىتى ياخشى بىر ھالدا كۆرۈپ «تامىقىڭىزغا نېمە يەيسىز؟» دەپ سورىدى. سالىم
رەھىمەھۇللاھ «نان بىلەن زەيتۇن يېغى يەيمەن، گۆش تاپالاپ قالسام گۆش يەيمەن» دېدى.
خەلىپە ئۇنىڭغا «كۆڭلىڭىزنى گۆش خالامدۇ؟» دېدى. سالىم رەھىمەھۇللاھ «كۆڭلۈم گۆش
خالىمىغان چاغدا گۆش خالايدىغان بولغۇچە گۆش يېيىشنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.
مۇھەممەد
ئىبنى ئەبۇ سارە مۇنداق دەيدۇ: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ كۆردۈم، ھەج ئۈچۈن كەلگەن
ئىدى. خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن سەھم ئوغۇللىرىنىڭ ئشىكى تەرەپتە ناماز ئوقۇش
ئۈچۈن تۇردى. ئوڭ-سولغا مايىللىقى بولغاندا شەپەق يورۇدى.(يەنى تاڭ ئاتقۇچە ناماز
ئوقۇدى.) ئاندىن ئولتۇرۇپ، كىيىمىنى ئۇچىسىغا ئالدى.
سۇفيان
ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دەيدۇ: (خەلىپە) ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك كەئبىگە كىردى،
سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنى كەئبىدە ئۇچراتتى. ئۇنىڭغا «ئى سالىم! ماڭا قانداق ئېھتىياجىڭ
بولسا سورا» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «مەن ئاللاھنىڭ ئۆيىدە ئاللاھتىن باشقىسىدىن بىر
نەرسە سوراشتىن ھايا قىلىمەن» دېدى.
سالىم
سىرتقا چىقىۋىدى، ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكمۇ سىرتقا چىقىپ، سالىمغا «ئەمدى سورا!» دېدى.
سالىم ئۇنىڭغا «دۇنيالىق ھاجىتىمنى سورامدىم، ئاخىرەتلىككە ھاجىتىمنىمۇ؟» دېدى. ئۇ
«دۇنياغا ئائىت نەرسە سورا» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «مەن دۇنيانى دۇنيانىڭ ئىگىسى (ئاللاھتىن)
سورىمىدىم، دۇنياغا ئىگە بولالمايدىغان (بىر ئىنساندىن) قانداقمۇ دۇنيا سوراي؟» دېدى.
سالىم دادىسى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئۇمەردىن، ئەبۇ ئەييۇبتىن، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن (ئاللاھ بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىدىن
رازى بولسۇن) ۋە باشقا ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھىجرىيىنىڭ 107-يىلى زۇلھەججە
ئېيىنىڭ ئاخىرىسىدا ۋاپات بولدى. 108-يىلى ۋاپات بولغان دەيدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ
بۇ زاتقا رەھمەت قىلغاي.
مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ سارە مۇنداق دەيدۇ: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ كۆردۈم، ھەج ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن سەھم ئوغۇللىرىنىڭ ئشىكى تەرەپتە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇردى. ئوڭ-سولغا مايىللىقى بولغاندا شەپەق يورۇدى.(يەنى تاڭ ئاتقۇچە ناماز ئوقۇدى.) ئاندىن ئولتۇرۇپ، كىيىمىنى ئۇچىسىغا ئالدى.
YanıtlaSilسالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر ئىبنى خەتتاب
YanıtlaSilئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئانىسى چۆرە ئىدى. كۇنيەسى ئەبۇ ئۇمەر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدا، دادىسىغا ھەممىدىن بەك ئوخشىغىنى سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىدى.
خەۋزە ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئۈچۈن رەھمەت تىلىدى (راھمەت سالدى)، سالىم ئۇنىڭغا «ئاللاھ ساڭا بىر ئاز رەھمەت قىلسۇن» دېدى. ئۇ سالىمغا «مېنىڭچە سەن ناچار ئادەمسەن» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «بۇ سۆزۈڭدە بەك خاتالاشقۇچى ئەمەسسەن» دېدى.
مالىك مۇنداق دەيدۇ: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ زامانىدا ئۆتكەنكى ياخشى كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرگە) زۇھۇدتا، ئىبادەتتىكى سالماقلىقتا ۋە ھايات كەچۈرۈشتە ئۇنىڭدىن بەكراق ئوخشايدىغان بىرى يوق ئىدى. ئىككى دىرھەملىك كىيىم كىيەتتى. خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئۇنى ناھايىتى ياخشى بىر ھالدا كۆرۈپ «تامىقىڭىزغا نېمە يەيسىز؟» دەپ سورىدى. سالىم رەھىمەھۇللاھ «نان بىلەن زەيتۇن يېغى يەيمەن، گۆش تاپالاپ قالسام گۆش يەيمەن» دېدى. خەلىپە ئۇنىڭغا «كۆڭلىڭىزنى گۆش خالامدۇ؟» دېدى. سالىم رەھىمەھۇللاھ «كۆڭلۈم گۆش خالىمىغان چاغدا گۆش خالايدىغان بولغۇچە گۆش يېيىشنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.
مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ سارە مۇنداق دەيدۇ: سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ كۆردۈم، ھەج ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن سەھم ئوغۇللىرىنىڭ ئشىكى تەرەپتە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇردى. ئوڭ-سولغا مايىللىقى بولغاندا شەپەق يورۇدى.(يەنى تاڭ ئاتقۇچە ناماز ئوقۇدى.) ئاندىن ئولتۇرۇپ، كىيىمىنى ئۇچىسىغا ئالدى.
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دەيدۇ: (خەلىپە) ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك كەئبىگە كىردى، سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنى كەئبىدە ئۇچراتتى. ئۇنىڭغا «ئى سالىم! ماڭا قانداق ئېھتىياجىڭ بولسا سورا» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «مەن ئاللاھنىڭ ئۆيىدە ئاللاھتىن باشقىسىدىن بىر نەرسە سوراشتىن ھايا قىلىمەن» دېدى.
سالىم سىرتقا چىقىۋىدى، ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكمۇ سىرتقا چىقىپ، سالىمغا «ئەمدى سورا!» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «دۇنيالىق ھاجىتىمنى سورامدىم، ئاخىرەتلىككە ھاجىتىمنىمۇ؟» دېدى. ئۇ «دۇنياغا ئائىت نەرسە سورا» دېدى. سالىم ئۇنىڭغا «مەن دۇنيانى دۇنيانىڭ ئىگىسى (ئاللاھتىن) سورىمىدىم، دۇنياغا ئىگە بولالمايدىغان (بىر ئىنساندىن) قانداقمۇ دۇنيا سوراي؟» دېدى.
سالىم دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەردىن، ئەبۇ ئەييۇبتىن، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن (ئاللاھ بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقا ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھىجرىيىنىڭ 107-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاخىرىسىدا ۋاپات بولدى. 108-يىلى ۋاپات بولغان دەيدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلغاي.