تەپسىر:«ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز»
تەپسىر:«ساڭىلا
ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز»
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەللامە
ئابدۇررەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ «سۈرە فاتىھە»دىكى «إِيَّاكَ
نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ»
(يالغۇز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە يالغۇز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز) دېگەن
ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ (پارچە):
ئىبادەتنىڭ
ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن، ئەمەل ئاللاھ رازىلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ئىشلىنىشى ۋە
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان – سۆزلىگەنلىرىدىن ئېلىنىشى
كېرەك. ئىبادەت، پەقەت مۇشۇ ئىككى خۇسۇسىيەت بىلەنلا ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ
يەنە مۇنداق دەيدۇ: سۈرە بەقەرەدىكى «وَالَّذِينَ
يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ»
(ئۇلار ھەم ساڭا چۈشۈرۈلگەنگە ھەم سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە چۈشۈرۈلگەنگە ئىمان
ئېيتىدۇ» دېگەن ئايەتتىكى «ساڭا چۈشۈرۈلگەن» دېگەن سۆزدە نەزەردە تۇتۇلغىنى قۇرئان
ۋە سۈننەتتۇر. چۈنكى، ئۇلۇغ ئاللاھ «ئاللاھ ساڭا كىتاب ۋە ھېكمەت (سۈننەت)نى
چۈشۈردى» دەيدۇ (سۈرە نىسا 113 – ئايەت).
ئۇ
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «وَبَشِّرِ الَّذِينَ
آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا
الْأَنْهَارُ ۖ كُلَّمَا
رُزِقُوا مِنْهَا مِن ثَمَرَةٍ رِّزْقًا ۙ
قَالُوا هَـٰذَا الَّذِي رُزِقْنَا مِن قَبْلُ ۖ
وَأُتُوا بِهِ مُتَشَابِهًا ۖ
وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُّطَهَّرَةٌ ۖ
وَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ» (ئى مۇھەممەد!) ئىمان
ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ
تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ
بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ)
رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە
ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك
جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ) دېگەن ئايەتتە
مۆمىنلەرگە خۇشخەۋەر بېرىش، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئاقىۋىتى ۋە مۇكاپاتلىرىنى تىلغا
ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى شۇ ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە
دەلىل بار. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا بۇ ياخشى ئەمەللەرنىڭ جاپاسى يېنىكلەيدۇ (يېنىك
تۇيۇلىدۇ، ت) ۋە ئاسانلىشىدۇ. ئىنسان ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ زور خۇشخەۋەر ئەلۋەتتە ئىمان
ۋە سالىھ ئەمەل ساھىبى بولۇشتۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈم پەيتلىرىدىكى خۇشخەۋەر
كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن (يۇقىرىقى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان) بۇ ئەبەدىي
نېمەتلەرگە ئېرىشىش نۆۋىتى كېلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ لۇتفىنى تىلەيمىز. (سەئدى
تەپسىرى، سۈرە فاتىھە تەپسىرىنىڭ بىر بۆلىكى)
Yahxiken.
YanıtlaSil