تەرىتى قىستىغاندا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ




«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: چوڭ كىچىك تاھارەت قىستاپ تۇرغان ھالەتتە ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
{لا صلاة بحضرة الطعام، ولا وهو يدافعه الأخبثان.}
(أخرجه أحمد 6 / 43، 54، 73، ومسلم 1 / 78-79، وأبو داود برقم (89)، وأبو عوانة 1 / 268)
«تاماق ھازىر بولغاندا ياكى چوڭ كىچىك تاھارەت قىستاپ تۇرغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ.» [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10616-نومۇرلۇق پەتىۋاسى] يۇقارقى ھالەتلەردە ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلىنىشىنىڭ ھېكىمىتى –ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ – يۇقارقى ھالەتلەر نامازنىڭ نامازنىڭ خۇشۇئ بىلەن ئوقۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بىراق، براۋ مۇشۇنداق ھالىتىدە ناماز ئوقۇپ قالغان بولسا – ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك- ناماز دۇرۇس، ئەمما قۇسۇرلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە ناماز ئوقۇپ قالغان كىشىنىڭ نامىزىنى قايتا ئوقۇشى ھاجەت ئەمەس. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 11888-نومۇرلۇق ھەدىسى]

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى