تەپسىر: ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟




تەپسىر: ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

 
«أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِندِ غَيْرِ اللَّـهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا» (ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە تېگىشلىك رەۋىشتە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان اﷲ تىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى) [سۈرە نىسا 82 – ئايەت]

پازىل ئۆلىما ئابدۇراھمان سەئىدى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:
ئۇلۇغ اﷲ كىتابى قۇرئان ئۈستىدە «تَدَبَّرُ» قىلىشقا بۇيرۇماقتا. تەرجىمىدە «تېگىشلىك رەۋىشتە پىكىر يۈرگۈزۈش» مەنىسىدە كەلگەندە «تَدَبَّرُ» كەلىمىسى قۇرئاننىڭ مەنىسى ھەققىدە دىققەت بىلەن ئويلىنىش، (ئوقۇلۇۋاتقان) شۇ مەزمۇنغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاساسى، نەتىجىسى، تەقەززاسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش كېرەك دېمەكتۇر.
ئۇلۇغ اﷲنىڭ كىتابى ھەققىدە تېگىشلىك رەۋىشتە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بارلىق ياخشىلىق شۇ سەۋەبتىن قولغا كېلىدۇ، بارلىق ئىلىم شۇ ئارقىلىق ئۆگىنىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قەلبتىكى ئىمان كۈچىيىدۇ ۋە ئىمان دەرىخىنىڭ يىلتىزى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم بىزگە ئىبادەت قىلىدىغان رەببمىزنى، ئۇنىڭ كامالىي سۈپەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا ۋە ئۇنىڭ ھەرقانداق كەمچىلىكتىن پاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە؛ رەببىمىزگە ئۇلاشتۇرىدىغان يولنى، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا ئېرىشىدىغان مۇكاپاتلىرىنى بىزگە بىلدۈرمەكتىدۇر. ئۇ يەنە ھەقىقىي دۈشمەننى، ئازابقا سەۋەب بولىدىغان يولنى، ئازاب تېگىشلىك بولغانلارنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئازابقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىدۇر.
ئىنسان بۇ كىتاب ھەققىدە قانچىلىك دىققەت بىلەن ئويلانسا ئىلمى، ئەمەلى ۋە ئەقلى شۇ دەرىجىدە ئاشىدۇ. شۇڭا اﷲ قۇرئان ھەققىدە تېگىشلىك رەۋىشتە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇماقتا، بۇنى تەشۋىق قىلماقتىدۇر. ئۇ كىتابنىڭ چۈشۈرۈلىشىدىكى مەقسەتنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېمەكتىدۇر: «كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِّيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ» ((بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر) [سۈرە ساد 29 – ئايەت]؛ «أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا» {ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)}[سۈرە مۇھەممەد 24 – ئايەت]. 
رەببىمىزنىڭ كىتابى ھەققىدە تېگىشلىك رەۋىشتە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ پايدىلىرىدىن يەنە بىرى، ئىنساننىڭ ئىلىم ساھىبىغا ئايلىنىشى ۋە بۇ كىتابنىڭ اﷲ نىڭ سۆزى ئىكەنلىك ھەققىدە تەۋرەنمەس چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىدۇر. چۈنكى بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئادەم قۇرئاننىڭ بىر قىسىمىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى تەستىقلىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ يەنە بىر قىسمىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كىتابتا ھېكمەتلەرنىڭ، قىسسىلەرنىڭ ۋە خەۋەرلەرنىڭ بىر قانچە يەردە تەكرارلانغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە ئۇيغۇندۇر، بىر - بىرىنى تولۇقلىماقتىدۇر. ئۇنىڭدا ئۆزئارا ھېچقانداق زىتلىق يوق، بۇ قۇرئاننىڭ ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چەكسىز ئىلمى بىلەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغان بىر زات تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتىدۇر.
شۇ سەۋەبتىن رەببىمىز «وَلَوْ كَانَ مِنْ عِندِ غَيْرِ اللَّـهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا» (ئەگەر قۇرئان اﷲ تىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى) دېمەكتىدۇر، يەنى بۇ كىتابنى اﷲ چۈشۈرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق زىتلىق يوقتۇر. («تەپسىر سەئدى» دىن پارچە)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى