دېموكراتىيەنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى
دېموكراتىيەنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى
ئىسلام
سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 98134 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئاڭلىسام
دېموكراتىيە ئىسلامىي ئاتالغۇ ئىكەن، راست شۇنداقمۇ؟ دېموكراتىيەنى ياقىلاشنىڭ ھۆكۈمى
نېمە؟
بارچە ھەمدۇسانا
ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچىدىن.
دېموكراتىيە ئەرەبچە سۆز ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ گرېكچىدىكى «پۇقرا، خەلق»نى كۆرسىتىدىغان
«demos» سۆزى بىلەن «قائىدە، تۈزۈم، ھۆكۈمرانلىق» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان
«kratia» سۆزىنىڭ بىرىكمىسىدۇر. بۇ بىرىكمىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزدىن پۇقرالارنىڭ
قانۇنى (ھۆكۈمرانلىقى) دېگەن مەنا چىقىپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچىدىن،
دېموكراتىيە ئىسلامغا قارشى سىستېما. چۈنكى، مەزكۇر سىستېمىدا ھوقۇق پۇقرالارغا
ياكى ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ (مەسىلەن پارلامېنت ئەزالىرى دېگەندەك). بۇ
نۇقتىدىن شۇنداق دېيىشكى بولىدۇكى، دېموكراتىيە سىستېمىسىدا ھوقۇق ئاللاھ تائالانىڭ
غەيرىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ شۇنداقلا، بۇ تۈزۈمدە ھوقۇق كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە
تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم ئومۇمىي خەلقنىڭ كۆز قارىشىغا ئەمەس، بەلكى كۆپ
سانلىقنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ
قارىشى قانۇنغا ئايلىنىدۇ – دە، دىنىي تەلىماتلارغا، ئاساسىي ساۋاتلارغا زىت بولۇشىدىن
قەتئىينەزەر، بۇ قاراش ئومۇمىي خەلققە (جۈملىدىن باشقىچە پىكىردىكىلەرگە) مەجبۇرىي
تېڭىلىدۇ. بۇ خىل سىستېمىلاردا ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھەمجىنىسلىقلارنىڭ توي
قىلىشى، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قاتارلىقلارغا يول قويۇش تەشۋىق قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ
خىل سىستېما ئاستىدىكى مۇھىتتا، ئىسلامىي شەرىئەت ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. زىنا – پاھىشە،
ھاراق ئىچىش قاتارلىق چىركىن ئىشلارغا يول قويۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دېموكراتىيە
ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان بىر سىستېمىدۇر.
ئاللا
تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى
ۋە ئۆزىنىڭ قانۇن چىقارغۇچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىنى
جاكارلىغان، ئۇ ھاكىمىيەت – ھوقۇق بابىدا ھەرقانداق بىرىنىڭ ئۆزىگە شېرىك
قىلىنىشىنى ھارام قىلغان. شۇنداقلا، ھېچكىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۇنىڭدىن ياخشى ئەمەستۇر.
ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى) « ... ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر». [سۈرە غافىر 40:12].
«ھۆكۈملەر پەقەت اﷲقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت
قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ [سۈرە
يۈسۈف 12:40].
«ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئەمەسمۇ؟» [سۈرە تىن 95:8].
«ئېيتقىنكى: <ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ،
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) اﷲ قا خاستۇر. اﷲ نىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل!
اﷲ نىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا اﷲ تىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى
بولمايدۇ، اﷲ ئۆز ھۆكمىدە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ» [سۈرە كەھف 18:26].
«ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئاللاھقا چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە
ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟» [سۈرە مائىدە 5:50].
ئاللاھ
بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇ مەخلۇقاتلارغا
نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە قايسى تۈزۈمنىڭ
ئەڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىنسانلار ئەقىل – پاراسەت، ئۆرپ - ئادەت جەھەتلەردە
پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ،
باشقىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭ ئۈچۈن، قانۇن - تۈزۈم چىقىرىش ھوقۇقى
ئىنسانلارنىڭ قولىدا بولغان جەمئىيەتتە، بىز پەقەت چىرىكلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە چاك -
چېكىدىن بۆسۈلۈشنىلا كۆرەلەيمىز.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش
كېرەككى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە، دېموكراتىك تۈزۈم ئۆزىدە يوق نەرسىنى بار قىلىپ كۆرسىتىپ
كىشىلەرنى ئالدىماقتا. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تۈزۈم يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي
ھۆكۈمدارلىرى باشلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئوچۇم كىشىلەر بولۇپ، پۇقرا پەقەت
ئېزىلگۈچى ۋە ئەگەشكۈچى خالاس.
دېموكراتىك
تۈزۈمدىكى جەمئىيەتتە. دېموكراتىك تۈزۈم ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىر
نەتىجە ھۆكۈمرانلارنىڭ خاھىشىغا زىتلا بولىدىكەن، ئۇلار شۇ ھامان مەزكۇر نەتىجىنى
ئايىغى ئاستىدا چەيلەيدۇ. بۈگۈن، سايلامدىكى ئالدامچىلىق، ئەركىنلىكنىڭ تاجاۋۇزغا
ئۇچرىشى، ھەق سادانىڭ ئوتتۇرىغا چىقالماسلىقى، بۇ خىل جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئەھۋال
بولغاچقا. بۇلارنى ئىچكىرىلەپ تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
يەنە بىر نۇقتىدىن:
نۇرغۇن
كىشىلەر دېموكراتىيەنى ئەركىنلىك دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن، بۇ كۆز قاراش خاتا. چۈنكى، (كىشىلەرنىڭ
نەزىرىدىكى) ئەركىنلىك دېموكراتىيەنىڭ مەھسۇللىرىدىن بىرى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان
ئاتالمىش «ئەركىنلىك» ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئەركىنلىكى، ھەرقانداق
كەيپىياتىنى جەمئىيەتكە ئىپادىلەش (كاللىسىغا كەلگەننى قىلىش) ئەركىنلىكى
قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە نۇرغۇن سەلبىي
تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن، بۇ خىل ئاتالمىش ئەركىنلەر شۇ دەرىجىگە يەتتىكى،
كىشىلەر ئەشۇ ئاتالمىش «ئەركىنلىك» بايرىقى ئاستىدا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭغا چۈشكەن ۋەھىيگە، «قۇرئان كەرىم»گە، ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملارغا
تۆھمەت – ھاقارەت قىلالايدىغان بولدى. شاللاق كىينىشلەرگە، ئەۋرەتنى ئېچىۋېتىشكە كەڭچىلىك
قىلىندى. شەھۋانىي سۈرەت – فىلىملەر «ئەركىنلىك» تونى ئاستىدا كەڭ تارقىتىلدى. بۇنىڭغا
ئوخشىغان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىنى دېيىش ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن بىر تىزىملىك
تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. خۇلاسە كالام، يۇقىرىقىغا ئوخشاش چىركىنلىكلەر بىردەك ئۈممەتنىڭ
ئەخلاق ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىشىدە كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، دېموكراتىك
تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر جار سېلىۋاتقان ئەركىنلىكمۇ مۇتلەق ئەركىنلىك ئەمەس. مەسىلەن،
قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ جەمئىيىتى «پىكىر ئەركىنلىكى» نامىدا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز
مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە «قۇرئان»غا قىلىنغان ھاقارەتلەرگە يول
قويدى – يۇ، ئەمما «يەھۇدىيلارغا قىلىنغان ناتسىست قىرغىنچىلىقى»غا ئالاقىدار شۇنچىكى
قارشى پىكىرگە يول قويمىدى. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى
ئىنكار قىلغانلارغا جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ ياكى تۈرمىگە تاشلاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە،
بۇ ئىنكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر تارىخىي ۋەقە، خالاس.
ئەگەر بۇ
كىشىلەر راستلا ئەركىنلىكپەرۋەر بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز
يولى ۋە دىنىنى ئۆزى تاللىشىغا يول قويمايدۇ؟ (مەسىلەن، بالقان يېرىم ئارىلىدا، 1992-يىلى
سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا بوسنىيىلىكلەر ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق
جاكارلىغان. ئەمما غەرب كۈچلىرى بۇ دۆلەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئورۇندا ئىكەنلىكىنى
بىلگەچكە، بارچە كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى شىددەتلىك
قىرغان. 1994 – يىلىغا كەلگەندە، بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنادىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ
سانى 250000 (250 مىڭغا)، يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلەر 1 مىليونغا يەتكەن. شىمالىي
ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە باشقا غەرب كۈچلىرى بىردەك بۇ مەزلۇم خەلققە كوللېكتىپ
ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلاردىن بەك كۆپنى قىرىۋەتكەن، تەرجىماندىن). ئۇلار نېمىشقا مۇسۇلمانلارنىڭ
زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ؟ ئىتالىيە لىۋىيە خەلقىنى،
فىرانسىيە ئالجىرىيە خەلقىنى، ئەنگلىيە مىسىر خەلقىنى، ئامېرىكا ئىراق خەلقىنى
قىرغىن قىلغاندا، بۇ «ئەركىنلىك» نەگە كەتكەن؟
مۇشۇ دېموكراتىك
تۈزۈم ئاستىدىكى دۆلەتلەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئوخشاش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،
1. قانۇن جەھەتتە. بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەر يولدا يۆنىلىشكە قارشى
ماشىنا ھەيدىيەلمەيدۇ. ئىجازەتسىز دۇكان ئاچالمايدۇ. ئەگەر بىراۋ يۇقىرىقى
ئىشلارنى سادىر قىلىپ، «مەن ئەركىن جەمئىيەتنىڭ ئەركىن پۇقراسىمەن» دېسە، ھېچكىم ئۇنىڭ
سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.
2. ئەنئەنە جەھەتتە. بۇ دۆلەتلەردە ھېچبىركىم ماتەم مۇراسىملىرىغا
ئىچ كىيىم بىلەنلا بارالمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ، ئارقىدىن «مەن ئەركىن جەمئىيەتنىڭ
ئەركىن پۇقراسىمەن» دېسە، كىشىلەرنى ئۇنى پۇت – قولىدىن كۆتۈرگىنىچە يىراقلارغا چۆرۈۋېتىشىدە
گەپ يوق.
3. جەمئىيەت ئادىتى. بۇ جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوسۇرغان،
كېكىرگەن ئادەملەر ئۆچ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىراۋ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، «مەن ئەركىن
جەمئىيەتنىڭ ئەركىن پۇقراسىمەن» دېسە، ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
خوش، ئۇنداقتا
بۇ تۈزۈم (دېموكراتىيە) پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۇلار ئىنكار قىلالمايدىغان (ئەخلاق،
ئۆرپ – ئادەت، جەمئىيەتكە ئومۇمىي بولغان قىممەت قاراش قاتارلىق،ت) نەرسىلەر
ئارقىلىق چەكلەۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ دىنىمىز بىزنىڭ (قىسمەن) ئەركىنلىكىمىزنى چەكلىسە
نېمە بولىدۇ؟ شۇنىسى شەكسىزكى، ئىسلامدىكى بارچە بەلگىلىمىلەر (ھەرقانداق چەكلىمىمۇ
شۇنىڭ ئىچىدە) ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق. ئاياللارنىڭ يېرىم – يالىڭاچ يۈرۈشىنىڭ،
ھاراق ئىچىشنىڭ، چوشقا گۆشى يېيىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلار تامامەن كىشىلەرنىڭ
جىسمانىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ قىزىق ئىش، دىن تەرىپىدىن بىر چەكلىمە
كەلگەن ھامان «ئەركىنلىكىمىز چەكلەندى» دەپ جار سېلىشىدىغانلار ئۆزىگە ئوخشاش
ئىنسانلار تۈزگەن قانۇن ئالدىدا «ئەمرىڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دەپ قول
باغلاپ تۇرۇشىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىدىن:
قىسمەن
كىشىلەر دېموكراتىيە ئىسلامدىكى شۇرا (كېڭەش) بىلەن تەڭداش ئۇقۇم دەپ ئويلىۋالىدۇ.
نۇرغۇن نۇقتىلاردىن ئېيتقاندا بۇ بىر خاتا يەكۈن. مەسىلەن:
1، شۇرا يېڭى مەسىلىلەرنى ياكى قۇرئان – ھەدىستە تەپسىلىي بايان
قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. «دېموكراتىيە»گە كەلسەك،
بۇ خىل تۈزۈم ئاستىدا كىشىلەر ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلىپ، ھالال ياكى ۋاجىب
قىلغان ئىشلارنى چەكلەپ قويۇش خەۋپىگە قارىماي دىندا بېكىتىلىپ بولغان ئىشلارنىمۇ
مۇزاكىرە قىلىشالايدۇ؛ شۇ ۋەجىدىن، مەزكۇر قانۇنلارنىڭ ھۆكمى بويىچە ھاراق سېتىش،
زىنا – پاھىشە، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ – يۇ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ
يولىغا دەئۋەت قىلىدىغان ئىسلامىي تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەر قاتتىق تەقىبكە ئۇچرايدۇ.
دېمەك، بۇ شەرىئەتكە تامامەن قارشى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، بۇ نەرسىنىڭ شۇرا بىلەن
قانداق ئوخشاشلىقى بولسۇن؟
شۇرا مەجلىسى
(كېڭەش يىغىنى) فىقھى، شەرىئەت بابىدا يېتىشكەن، پاراسەتلىك، تەقۋا – پەزىلەتتە
تونۇلغان كىشىلەردىن تەشكىللىنىدۇ. ناچار ئەخلاقلىق، ھاماقەت، ياكى كاپىر – ئاتېزىمچىلار
شۇرا مەجلىسىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. ئەمما، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى پارلامېنت دېگەنلەرگە
قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئەزالىرىغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەر (ئىلىم،
ئەخلاق، تەقۋادارلىق) نىڭ ھېچبىرى قويۇلمايدۇ. پارلامېنت ئەزاسى كاپىر بولسىمۇ،
ناچار خۇيلۇق بولسىمۇ، ھاماقەت بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇنداق بىر نەرسىنى قانداقمۇ
ئىسلامىي شۇراغا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟
شۇرا ئەمىر (خەلىپە،
سۇلتان ۋەھاكازا) گە قارار تاڭالمايدۇ. ئەمىر شۇرادىكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ كۈچلۈك دەلىلگە
ئىگە سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، باشقا ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلسا بولىدۇ. ئەمما،
پارلامېنتتا بولسا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى قانۇنغا ئايلىنىپ پۇقرالارغا تېڭىلىدۇ.
(يەنى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى توغرا بولسىمۇ قانۇن، خاتا بولسىمۇ قانۇن سۈپىتىدە
يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئامېرىكا قاتارلىق بەزى ئەللەردە ھەمجىنىسلارنىڭ توي
قىلىشىغا ئوخشاش بىمەنىلىكتە چېكىدىن ئاشقان، ئىنسان تەبىئىتىگە زىت مەينەت
قىلمىشلار قانۇنىيلاشتۇرۇلماقتا،ت).
يۇقىرىقىلار
ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىدىن پەخىرلىنىشى، رەببى بېكىتكەن قانۇننىڭ
ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا – ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
بارلىق مۇسۇلمانلار
چوقۇم ھەممە ئىش – ھەرىكىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىغا مەھكەم يېپىشىشى كېرەك. ھېچكىمنىڭ
ئىسلامدىن باشقا ھەرقانداق سىستېما ياكى مېتودولوگىيەگە ئەگىشىشى دۇرۇس ئەمەس. بۇ
ئەقىدىنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ رەببى، ئىسلامنىڭ دىنى،
مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبىرى بولغانلىقىغا رازى بولۇشتۇر. مۇسۇلمان
ئىچى ۋە تېشىدا بىردەك ئىسلامنى ئۆزىگە مىزان قىلىشى، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت
قىلىشى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشى كېرەك.
(خۇلاسە: مۇھەددىس شەيخ ھامماد ئەنسارىي دېموكراتىيەنى «ھەممە (يامان)
ئىشقا يول قويۇش» دەپ تەبىر بەرگەن. بۇ تەبىرگە ئاساسلانغاندا:مەسىلەن، سىز قىزىڭىزنى
كىچىكلىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئۇلۇغۋار نىشانلار بىلەن تەربىيىلەۋاتقىنىڭىزدا
قىزىڭىز ئون بەش يىگىرمە يېشىدا بىر قۇلاق كەستى ئوغۇل بالا بىلەن ئىش پەش
تارتىشىپ قالسا، قىزىڭىز شۇنىڭ كەينىدىن كەتسە قىزىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشتىن
توسسىڭىز جىنايەتچى بولىسىز. چۈنكى، قىزىڭىزنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ھوقۇقىنى چەكلىگەن
بولىسىز. دېموكراتىيە قىزىڭىزنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قوللىسىمۇ. ئەمما سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى
ھەققىڭىزنى قوغدىيالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر ئادىلسىز، شەيتانىي تۈزۈم. دېموكراتىيەگە
ئالاقىدار ھەممە ئىشلارنى مۇشۇ لېنىيە بويىچە چۈشۈنىۋالسىڭىز دېموكراتىيەنىڭ رەزىل
ماھىيەتلىرى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.)
ئاللاھتىن
دىنىمىز ئىسلامنى شەرەپلەندۈرۈشنى ۋە خائىنلارنىڭ سۇيقەستلىرىنى بىتچىت قىلىشنى
تىلەيمىز.
ئاللاھ ئەڭ
ياخشى بىلگۈچىدۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder