مۆمىنلەر قەسىدىسى(ئىسلامىي شېئىر)
مۆمىنلەر
قەسىدىسى
پاراغەت
كۈلكىسى كۈلمە، ۋاقىتلىق ئەيشى-ئىشرەتكە،
ئەقىل
بابىدا باقمامسەن،«قۇرئان»ئاتلىق ئىشارەتكە.
ئەجەپمۇ پاك
يارالغانتىڭ، دىلىڭ كور بولدى شۆھرەتكە،
نېچۈن
قاچتىڭ ھىدايەتتىن، كۆڭۈل قوي ئەمدى سۆھبەتكە،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئاۋۋال باق
جىسمىڭغا بىر مەرتە، يارالدىڭ نېمىدىن دەسلەپ؟
جاۋابكى:
توپا بىر چىمدىم، يەنە سۇ، لاي بولدى، كۆر ئەسلەپ،
قارالاي،
قوۋرۇغا ـــ ئىنسان بولۇشتىن كەتمىدى ھېچ تەسلەپ،
بېرىلگەچ
ساڭا كۆپ ھۆرمەت، لەئىن شەيتان يۈرەر قەستلەپ،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
شۇنىڭدىن
باشلىنىپ، بىلگىن، ئابى-مەنى سېنىڭ ئەسلىڭ،
شۇئان بىر
تامچە دۇغ سۇدىن ئاۋۇپ كۆپ بولدىلەر نەسلىڭ،
ۋەيا تان
تانمىغىن مەيلى، خۇدانىڭ ئەسلى-يۇ ۋەسلىڭ،
ھوشۇڭ تاپ!
پانىيدا سەن ئاخىر، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى بىر پەسلىڭ،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل-ھېكمەت،
قۇلاق، پۇت – قول، ئېغىز – بۇرنۇڭنى كىم بەردى؟
قېنى ئېيت،
رەھىمۇررەھمان ساڭا نېمەڭنى كەم بەردى؟
ئانار-ئەنجۈر،
پولونى ھەم جەلال ئاتلىق ھېكىم بەردى،
ئالۇرسەن
مەنپەئەت-پايدا، نېسىۋە جىق، كىرىم بەردى،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل
يۈرگۈز، قۇياش ۋە ئاي، بۇلۇت – يامغۇرغا باق ئوبدان،
سامانى
تىترىتىپ چاقماق،«خۇدا» دەپ قۇش ئۇرار خەندان،
دېڭىزدا
دولقۇنى تاغدەك، زېمىندا ئاش، زىرائەت، دان،
يېڭىلمەس
قوشۇنى ئۇ كەلكۈن، نېچۈن غەپلەتتە جىق ئىنسان،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئۆتۈپ
بىرمىڭدە تۆرت يۈز يىل، «قۇرئان» ئۆزگەرمىدى بىر پەش،
يۈرەر شۇ
دەمدە جىق بەندە ــ جوھۇت، كاپىر بولۇپ سەركەش،
قىرائەت
قىلسا «قۇرئان»نى، يۈرەك دۈپ – دۈپ، قېنىم ئۆركەش،
نېچۈن كور
كۆزلىرىڭ ئۇيغۇر، لەنەت ھەقتىن قەدەم يۆتكەش،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
بۇ دۇنياغا
بىكار كەلدىم دېگەن خىيالدىمۇ سەنيا؟
كۆتۈر
باشىڭنى غەپلەتتىن، ۋاپا قىلمايدۇ مال – دۇنيا.
ئېلىم- ئېرپان،
ھەدىس-قۇرئان سائادەتتۇر ئەدەب-ھايا،
ئەگەركى
ئستىسەڭ راھەت، شۇلارنى دىلغا قىل ئەھيا،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل
چەشمەسىگە چۆككىل، قىيامەت ئەتە يا ئۆگۈن،
كۆرۇرسەن
ئۇندا غەمناكلىق، براۋغا باغلىساڭ تۈگۈن،
ئىتائەت
سەجدىسى قىلغىن، ۋەتەندىن بولساڭمۇ گەر سۈرگۈن،
شۇچاغ سەندە
بولۇر شادلىق، ساخاۋەت ئەيلىگىل تۈرگۈن،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئىشەن،
چىنپۈتمىسەڭ مەيلى، دوزاخ – جەننەتلىرى ھەقتۇر،
ياراتتى
يەتتە ئاسماننى، ھېساب، قۇدرەتلىرى ھەقتۇر،
توپا بوپ ياتىسەن
ئاخىر، ئۆلۈپ تىرىلمىكىڭ ھەقتۇر،
مۇھەممەد،
مۇسايۇ ئىبراھىم، ئىسا، يەھيالىرى ھەقتۇر،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
كىتابىڭ بار
«قۇرئان» ئاتلىق، ساڭا كومپاس، ئېسىل مەھكەم،
ئىلاھا سەن
ئۆزۈڭ يالغۇز، ئەمەستۇر قۇدرىتىڭ ھېچ كەم،
ئۇلاردۇر
ساڭىلا تالىق، زېمىن، ئاسمان، ۋەتەن، ئۆلكەم،
شەرەپ ۋە
مەرھەمەت ئەيلە، جىمى مۆمىنگە جىق، كۆركەم،
يۈگۈر
رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
2010-يىل، رامىزان، ئۈرۈمچى
{(27)ئى ئارام تاپقۇچى جان!(28) . سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن،
پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن(29) . سەن مېنىڭ
(ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن(30) . مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن.}(89-سۈرە
فەجر)
Yorumlar
Yorum Gönder