بالا-مۇسىبەتتىكى مۇسۇلمانلار ھەر پەرز نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ

بالا-مۇسىبەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر پەرز نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ

ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 20031-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


سەئۇدىيلىق مەشھۇر ئالىم، دوكتور بەكرى ئەبۇ زەيد مۇنداق دېگەن:
مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلسە ھەر بەش ۋاخ نامازنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىنىڭ رۇكۇسىدىن تۇرغاندا -تاكى ئاللاھ ئۇ بالا-قازانى كۆتۈرۈۋەتكەن مۇددەتكىچە دۇئايى قۇنۇت ئوقۇش بەلگىلەنگەن.
قۇنۇت ئوقۇغان كىشى ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە مۇئاز ئىبنى ئەنسارىي قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ۋىتىرنىڭ قۇنۇتىنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇئايى-سالام يوللايدۇ.
(انظر كتاب تصحيح الدعاء للشيخ بكر أبو زيد ص 460)
  بالا-قازا زامانىدا (ھەر نامازنىڭ ئاخىرقى رەكئەت پەرىزىدە ۋە ۋىتىر نامىزىدا) قۇنۇت ئوقۇغان كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئوخشاش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن دۇئالارنى ئوقۇيدۇ، بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاسىيلىق قىلىپ ساھابىلەرنى ئۆلتۈرۈۋەەتكەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا بەددۇئا قىلغان ۋە شۇ چاغدا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلەلمەي قالغان مەككىدىكى ئاجىز-بىچارە مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ قۇتقۇزىشى ئۈچۈن قۇنۇتتا دۇئا قىلغان. ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇنۇتتا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇغان:
(اللهم إنا نستعينك ونؤمن بك ، ونتوكل عليك ونثني عليك الخير ولا نكفرك ، اللهم إياك نعبد ، ولك نصلي ونسجد ، وإليك نسعى ونحفد ، نرجو رحمتك ونخشى عذابك ، إن عذابك الجدَّ بالكفار مُلحق ، اللهم عذِّب الكفرة أهل الكتاب الذين يصدون عن سبيلك ") بۇنى بەيھەقى 2\210 رىۋايەت قىلغان. مۇھەددىس ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىل 2\170 تە سەھىھ دەپ، بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: بۇ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇغان قۇنۇت دۇئاسى. دۇئا ئۇنىڭ كاپىرلارغا قارشى دۇئا قىلغىنىغا قارىغاندا، بۇ ئۇنىڭ بالا-قازا زامانىدا ئوقۇغان قۇنۇت دۇئاسىدۇر.
ئەگەر سىز «يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا كەلىمىلەر بىلەن قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىسىڭىز: ھەئە، بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ»(3\497) دا مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى توغرا قاراش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقىنىدەك: ئۇنىڭدا مۇقىم بەلگىلەنگەن دۇئا يوق، خالىغان دۇئا قىلىنسا بولىدۇ. «ئەلمەجمۇئ»(3\497)
مۇھەددىس ئەلبانى رەھىمەللاھ «رامزاندىكى قىيام» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان دۇئادا بىز ئەگەشكۈدەك ھېچنېمە يوق، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ كەلىمىلەر بىلەن دۇئا قىلمىغان (ھەدىستە «مېنىڭ ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار» دېيىلگەچكە، مەيلى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ، ياكى باشقا خەلىپىلەر ۋە ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن كېيىن قىلغان ۋە تەستىقلانغان ھەر قانداق ئىش دەلىل قىلىنىدۇ. ئەمما خالىغان مۇسۇلماننىڭ دىندا خالىغان بىدئەت-يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھارام-ت). شۇ ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا كاپىر-مۇناپىق-مۇرتەدلەرگە بەددۇئا قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت-سالام يوللاش، مۇسۇلمانلارغا غەلىبە نۇسرەت تىلەش قاتارلىق باشقا كەلىمىلەرنى قوشۇپ قۇنۇت دۇئاسى قىلسا بولىۋېرىدۇ. (ئەلبانى «رامىزاندىكى قىيام» 31)
دۇئايى قۇنۇت رۇكۇدىن بۇرۇن قىلىنامدۇ ياكى كېيىنمۇ؟ بۇ ھەقتە ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «شەرھۇل مۇمئتى» تا مۇنداق دېگەن:
كۆپلىگەن ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشىچە ۋە ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى بويىچە قۇنۇت دۇئاسى رۇكۇدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. بىراق، رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال قۇنۇت ئوقۇغان بولسىڭىز بۇمۇ دۇرۇس. شۇڭىلاشقا، «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قۇنۇت ئوقۇشىڭىزغىمۇ، ياكى قۇرئان قىرائىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قۇنۇت ئوقۇپ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بېرىشىڭىزغىمۇ بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىنى قىلىشتا تاللاش ئەركىنلىكىڭىز بار. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن 
 «شەرھھۇل مۇمتىئ» 4\64)
ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇپتەن نامىزى (نىڭ ئاخىرقى رەكئىتى) دە ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سەجدىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ‹ئى ئاللاھ! ئەيياش ئىبنى رابىئەنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ، ۋالىد ئىبنى ۋالىدنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ، ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن! مۇزار قەبىلىسىنى جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ (ئەلەيھىسسالامنىڭ) زامانىدىكى قەھەتچىلىكنى ئەۋەتكىن! دەيتتى.» ( أخرجه أحمد 2 / 239، 255، 470، 502، 521، والبخاري برقم ( 804، 1006، 2932، 3386، 4560، 4598، 6200، 6393، 6940 )، ومسلم 1 / 467 برقم (675)، وأبو داود 2 / 142 برقــــم ( 1442)، والنسائي 2 / 201 - 202 برقم (1073، 1074 ) وابن حبان 5 / 323 برقم (1986).)
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ مۇنداق رىۋايەت قىلغان (ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە):«مەن سىلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرىمەن دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پېشىن، خۇپتەن ۋە مابدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدۇن تۇرۇپ قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇدى. دۇئادا ئاللاھتىن مۇسۇلمانلارغا ياردەم، كاپىرلارغا لەنەت تىلىدى.»(  أخرجه أحمد 2 / 255، 337، 470، والبخاري 1 / 193، ومسلم 1 / 468برقم (676)، وأبو داود 2 / 141 برقم (1440)، والنسائي 2 / 202 برقم 1075، والبيهقي 2 / 198.)
ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىدا بىر ئاي قۇنۇت ئوقۇدى. قۇنۇتنى ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئوقۇدى. دۇئاسىدا بەنۇ سۇلەيم، رىئل ۋە زەكۋان قەبىلىلىرىگە (ھالاكەت تىلەپ) بەددۇئا ئوقۇدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىغا) جامائەت ‹ئامىن› دېدى.»(  أخرجه أحمد 1 / 301 -302، وأبو داود 2 / 143 برقم (1443) .)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى