سۈننەت نامازلارنى تولۇق ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى
ئون ئىككى رەكەت سۈننەتنى داۋاملىق ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا
قىلىدۇ. ئۇلار: پېشىندىن بۇرۇن تۆت رەكەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن
ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكەت ۋە بامداتتىن بۇرۇن ئىككى رەكەتتۇر».([1]) ([1]) "تىرمىزى" 414-ھەدىس.
ئالبانى: "سەھىھ" دېگەن.
Yorumlar
Yorum Gönder