نامازدا تېلفون سايراپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟

 
نامازدا تېلفون سايراپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟
سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1870-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


سوئال: بىر نەچچە كىشى ئۆيىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئىدى. تېلفون كېلىپ، تېلفون ئاۋازى خېلى ئۇزاق جاراڭلىدى. بۇ ھالەتتە ئالدىغا ياكى كەينىگە بىر قانچە قەدەم مېڭىپ تېلفوننى ئېلىپ –ئىشىك چەككەن كىشىگە ناماز ئوقۇۋېتىپ ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ھەدىسكە قىياس قىلىپ- ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن-«ئاللاھۇ ئەكبەر» دېسە ياكى چىڭراق قىرائەت قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا تېلفون سايراپ كەتسە، قىبلىدىن يۈز ئۆرۈمەسلىك شەرتى بىلەن ئالدىغا ياكى كەينىگە، ئوڭغا ياكى سولغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ تېلفوننى ئالسا، تېلفون ئۇرغۇچىغا «سۇبھاناللاھ» دېسە دۇرۇس بولىدۇ. (مېڭىپ بېرىپ تېلفوننى ئېتىۋېتىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ياخشى ئەلۋەتتە.-تەرجىماندىن) سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىزىنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇدى. رۇكۇغا بارغاندا ئۇنى يەرگە قوياتتى، رۇكۇدىن تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى.»( صحيح البخاري الصلاة (516) ، صحيح مسلم المساجد ومواضع الصلاة (543) ، سنن النسائي السهو (1205) ، سنن أبو داود الصلاة (917) ، مسند أحمد بن حنبل (5/303) ، موطأ مالك النداء للصلاة (412) ، سنن الدارمي الصلاة (1359).) ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (نەۋرىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا) كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى...»( أخرجه مالك 1 / 170، والبخاري 1 / 487 في سترة المصلي، باب إذا حمل جارية صغيرة على عنقه، ومسلم (543) في المساجد، باب جواز حمل الصبيان، وأبو داود برقم (917 -920) والنسائي 2 / 45) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلغان:«بىر قېتىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيدە ئىشىك ئىچىدىن تاقاغلىق ھالەتتە ناماز ئوقۇۋاتاتتى. مەن كەلگىنىمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ ئاندىن نامىزىنى داۋاملاشتۇردى. ئىشىك قىبلە تەرەپتە ئىدى.»( أخرجه أحمد 6 / 31، وأبو داود (922) والنسائي 1 / 178، والترمذي 2 / 497 .) يەنە ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلدى:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: سىلەرگە نامازدا بىرەر ئىش يۈز بەرسە ئەرلەر ‹سۇبھاناللاھ› دېسۇن. چاۋاك چېلىش ئاياللار ئۈچۈندۇر.»( صحيح البخاري الجمعة (1234) ، صحيح مسلم الصلاة (421) ، سنن النسائي الإمامة (784) ، سنن أبو داود الصلاة (940) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (1035) ، مسند أحمد بن حنبل (5/330) ، موطأ مالك النداء للصلاة (392) ، سنن الدارمي الصلاة (1364).)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن. پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى