قىيامدا ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ
قىيامدا
ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: نامازدا ئۆرە تۇرۇپ قىرائەت قىلىدىغان مۇددەت ئىچىدە ۋە رۇكۇدىن تۇرۇپ تاكى سەجدىگە بارغىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە ئوڭ قول سول قولنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بېلەككە قويۇلىدۇ. (يەنى بارماقلىرىڭىز بىلەن بېغىشىڭىزنى قاماللاپ تۇتسىڭىز يۇقارقى ھالەت شەكىللىنىدۇ.) ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويىلىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازدىكى ھالىتىدۇر.
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: نامازدا ئۆرە تۇرۇپ قىرائەت قىلىدىغان مۇددەت ئىچىدە ۋە رۇكۇدىن تۇرۇپ تاكى سەجدىگە بارغىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە ئوڭ قول سول قولنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بېلەككە قويۇلىدۇ. (يەنى بارماقلىرىڭىز بىلەن بېغىشىڭىزنى قاماللاپ تۇتسىڭىز يۇقارقى ھالەت شەكىللىنىدۇ.) ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويىلىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازدىكى ھالىتىدۇر.
ۋائىل
ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم (نامازدا) ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويۇپ، كۆكرىكى ئۈستىدە تۇتۇپ
تۇردى.» (ئەبۇ داۋۇد 759؛ ئەلبانى «تەھقىق سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە» 479))
(پەتىۋا كومېتىتى 2139-نومۇرلۇق
پەتىۋا)
بۇ ھۆكۈم ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاش. ئەر بىلەن ئايالنىڭ نامىزىنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق. پەرق بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بىرىمۇ سەھىھ ئەمەس. ئۈممەت، قۇرئانغا ۋە سەھىھ ھەدىسكە ئەگەشمىگەندە ئىختىلاپ پاتقىقىدىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ.
ئەللامە
ئىبنى باز مۇنداق دەيدۇ: شەيخ ئەبۇ تەييىب مۇھەممەد شەمسۇل ھەق «ئەۋنەل مەئبۇد
شەرھ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ۋائىل ئىبنى ھۇجۇردىن
كەلگەن بۇ ھەدىس قوللارنى كۆكرەك ئۈستىدە قويۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەقىقەت مانا بۇدۇر. ئىككى قولنى كىندىكنىڭ ئاستىغا ياكى ئۈستىگە قويۇشقا كەلسەك،
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس يوق.»
(ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى؛ 11\137)
ئىمام
ئەل سىندى «ھاشىيەتۇل ئىبنى ماجە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:«سۈننەت ئىككى
قولنى ئىككى تەرەپكە تاشلاپ تۇرۇش ئەمەس، قولنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. ئىككى
قولنى باشقا يەرگە ئەمەس، كۆكرەك ئۈستىگە قويۇش بەلگىلەنگەن. قوللارنى كۆكرەك
ئاستىغا قويۇشقا كەلسەك، ئۆلىمالار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى زەئىپ دەپ باھالىغان.»
(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى 59957-نومۇرلۇق پەتىۋا)
ئەلىي رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇنىڭ «قولللارنى كىندىك ئاستىغا قويۇش سۈننەت» (ئەبۇ داۋۇد 756) دېگەن ھەدىسى
ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىدا زەئىپ ھەدىستۇر. (پەتىۋا نۇرۇن ئەلەددەرب؛ 8\142) بۇ
ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىدىكى سەۋەپ، ھەدىس سەنەدىدىكى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئىسھاق ئەل
كۇفىي –ئۇ يەنە ئەل ۋاسىتىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ – رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى ھەدىس
ئۆلىمالىرى زەئىپ، ئەمەل قىلىنمايدۇ دېگەن. ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ ھاتىم، ئىبنى مەئىن
ۋە باشقا ئالىملار شۇنداق دېگەن. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرەدىن كەلگەن ھەدىسمۇ
ئوخشاشلا زەئىپ ھېسابلىنىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى؛ 11\136)
Yorumlar
Yorum Gönder